رۇسىيەنىڭ ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلانى ياپونىيەنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىنى دەپسەندە قىلدى

رۇسىيەگە ئائىت «Mi8» تىپلىق تىك ئۇچار ئايروپىلان خوككايدونىڭ شىمالىدا ياپونىيە ھاۋا تەۋەلىكىنى دەپسەندە قىلدى.

1502140
رۇسىيەنىڭ ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلانى ياپونىيەنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىنى دەپسەندە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رۇسىيەگە ئائىت «Mi8» تىپلىق تىك ئۇچار ئايروپىلان، خوككايدونىڭ شىمالىغا جايلاشقان «شىرېتوكو تۇمشۇقى» دا، تۈنۈگۈن چۈشتە، شۇ جاي ۋاقتى سائەت 12 دىن 25 مىنۇت ئۆتكەندە، ياپونىيە ھاۋا تەۋەلىكىگە كىرگەن.

تاسادىپىي چېگرانى دەپسەندە قىلغان تىك ئۇچار  ئايروپىلان، ياپونىيە ھاۋا مۇداپىئە قىسىملىرى (ASDF) غا ئائىت ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇش بېرىشىدىن كېيىن، ھېچقانداق تاجاۋۇزچىلىق پوزىتسىەسى بىلدۈرمەستىنلا رايوندىن ئايرىلغان.

ۋەقەدىن كېيىن، ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى موسكۋاغا نوتا تاپشۇرغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر