دۇنيادا يۇقۇملانغانلار سانى 34 مىليوندىن ئاشتى

دۇنيادا ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلا سانى 1 مىليون 28 مىڭدىن، يۇقۇملانغانلار سانى 34 مىليون 519 مىڭدىن ۋە سالامەتلىكى ياخشىلانغانلار 25 مىليون 691 مىڭدىن ئاشتى.

1501581
دۇنيادا يۇقۇملانغانلار سانى 34 مىليوندىن ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيادا ۋابانىڭ مەركىزىگە ئايلانغان ئامېرىكادا، 7 مىليون 494 مىڭ 671 كىشى ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى.

ئامازون (Amazon) شىركىتى ۋىرۇس تارقىلىشقا باشلىغان مارت ئېيىدىن بۇيان 20 مىڭغا يېقىن خىزمەتچىنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ مۇسبەت چىققانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئىتالىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 24 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ۋىرۇس سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ جەمئىي سانى 35 مىڭ 918 گە چىقتى. يۇقۇملانغانلار سانى 2 مىڭ 548 كىشى ئېشىپ، 317 مىڭ 409 غا چىقتى.

ئىتالىيەدە 2020-يىلى 29-ئاپرېلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم كۈنلۈك يۇقۇم سانى 2 مىڭنىڭ ئۈستىگە چىقتى. باش مىنىستىر جۇزۇپپې كونتې (Giuseppe Conte) تۈنۈگۈن (2020-يىلى 1-ئۆكتەبىر) بايانات ئېلان قىلىپ، 15-ئۆكتەبىر ئاخىرلىشىدىغان ۋۇخەن ۋىرۇسى تەدبىرلىرىنىڭ ۋاقتىنى 2021-يىلى 31-يانۋارغىچە ئۇزارتىش تەكلىپىنى پارلامېنتقا سۇنىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

فىرانسىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 63 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى ۋە جەمئىي سان 32 مىڭ 19 غا چىقتى. ئوخشاش ۋاقىتتا، يۇقۇملانغانلار سانى 13 مىڭ 970 كە ۋە جەمئىي سان 577 مىڭ 505 كە چىقتى.

سەھىيە مىنىستىرى ئولىۋىيېر ۋېران (Giuseppe Conte) ۋىرۇسنىڭ ھەر ياشتىكى كىشىلەرگە يۇقۇۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇپ، يۇقۇم ۋەزىيىتىنىڭ يامانلاشقانلىقىنى ۋە سەھىيە سىستېمىسىنىڭ خەتەرلىك باسقۇچتا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ پارىژ ۋە ئەتراپىدا دۈشەنبە (2020-يىلى 5-ئۆكتەبىر) يۇقىرى ئاگاھلاندۇرۇش چىقىرىلىش مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئاسىيا قىتئەسىدە ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ ئەڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان ھىندىستاندا، ۋىرۇس سەۋەبىدىن 99 مىڭ 773 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 6 مىليون 394 مىڭ 68 كىشى يۇقۇملاندى.

ھىندىستاندا ۋىرۇسقا مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈم ۋەقەلىرى بارغانسېرى ئېغىرلاشتى. كۈنلۈك ئۆلۈم سانى 2020-يىلى 1-سېنتەبىردىن باشلاپ مىڭنىڭ ئۈستىدە بولدى.3-سېنتەبىردىن باشلاپ ئەڭ كۆپ ئۆلۈم ۋەقەسى كۆرۈلگەن دۆلەت بولۇپ قالدى.

رۇسىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 21 مىڭ 77 گە، يۇقۇملانغانلار سانى 1 مىليون 194 مىڭغا چىقتى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 26 مىڭ 380 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان ئىراندا، ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەر قايتىدىن كۆپەيگەن كازۋىن ئىشتاتىدا، ۋىرۇس چەكلىمىلىرىنىڭ يېڭىدىن يولغا قويۇلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ۋۇخەن ۋىرۇسىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن كارانتىن تەدبىرلىرى قايتىدىن يولغا قويۇلغان ئىسىرائىلىيەدە، ۋىرۇس سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 1 مىڭ 629 غا، يۇقۇملانغانلار 256 مىڭ 71 گە چىقتى.  

تۇنىستا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 265 كە، يۇقۇملانغانلار سانى 18 مىڭ 413 كە چىقتى.

نۇرغۇن سىستېرالار تۇنىس سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاىغا توپلىنىپ، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ناچارلاشقان شارائىتلار ۋە زۆرۈر ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنىڭ يولغا قويۇلمىغانلىقى سەۋەبىدىن نامايىش قىلدى.

بەزى دۆلەتلەردىكى ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈم سانلىرى تۆۋەندىكىچە:

ئەنگلىيە 42 مىڭ 202، پېرۇ 32 مىڭ 535، كولومبىيە 26 مىڭ 196، ئارگېنتىنا 20 مىڭ 288، چىلى 12 مىڭ 822، ئېكۋادور 11 مىڭ 433 ۋە بېلگىيە 10 مىڭ 23.


خەتكۈچ: #ۋابا , #ۋىرۇس

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر