دۇنيادا يۇقۇملانغانلار سانى 34 مىليونغا يېقىنلاشتى

دۇنيادا ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 1 مىليون 13 مىڭ 470 تىن، يۇقۇملانغانلار سانى 33 مىليون 886 مىڭ 160 تىن ۋە سالامەتلىكى ياخشىلانغانلارنىڭ سانى 25 مىليون 180 مىڭ 955 تىن ئاشتى.

1499932
دۇنيادا يۇقۇملانغانلار سانى 34 مىليونغا يېقىنلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيادا ۋابانىڭ مەركىزىگە ئايلانغان ئامېرىكادا 210 مىڭ 797 كىشى ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلدى. يۇقۇملانغانلار سانى 7 مىليون 406 مىڭ 729 غا چىقتى.

ئامېرىكا ۋولت دىسنېي شىركىتى (Walt Disney) ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 28 مىڭ كىشىنى ئىشتىن چىقىرىشنى پىلان قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

لاتىن ئامېرىكا قىتئەسىدە ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ ئەڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان بىرازىلىيەدە، يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 863 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

بىرازىلىيە سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، دۆلەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 143 مىڭ 10 غا، يۇقۇملانغانلار سانى 32 مىڭ 58 ئېشىپ 4 مىليون 780 مىڭغا چىقتى.

ۋابانىڭ ياۋروپادىكى مەركىزى ئەنگلىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ 71 كىشى ئېشىپ 42 مىڭ 72 گە، يۇقۇملانغانلار سانى 7 مىڭ 143 كىشى ئېشىپ 446 مىڭ 156 گە چىقتى.

گېرمانىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 9 مىڭ 556 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 290 مىڭ 466 كىشى يۇقۇملاندى.

باش مىنىستىر ئانگلا مېركېل يۇقۇمنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىدىن بېشارەت بېرىپ، ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇشتا بۈگۈنگىچە قولغا كەلگەن نەتىجىلەرنىڭ يوق بولۇشى مۇمكىنلىكى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

ئىسپانىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 203 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ جەمئىي سانى 31 مىڭ 614 كە چىقتى. بىر كۈندە 9 مىڭ 906 يۇقۇم كۆرۈلگەن ب دۆلەتتە، جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 758 مىڭ 172 گە چىقتى.

ۋابا ۋەقەلىرى ئەڭ كۆرۈلگەن پايتەخت مادرىدتا ئىككى ھەپتە يولغا قويۇلغان قوشۇمچە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى دۆلەت مىقياسىغا كېڭەيتىش، نوپۇسى 100 مىڭدىن ئارتۇق بارلىق رايونلاردا ۋە يېڭى يۇقۇم ۋەقەلىرى بىلەن دوختۇرخانىلاردىكى جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈملىرىنىڭ تولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولغان رايونلاردا ئىجرا قىلىش ئۈچۈن دەسلەپكى كېلىشىم ھاسىل قىلىندى.

پورتۇگالىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ئالتە كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى ۋە 688 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ دۆلەتتە ۋىرۇس سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ جەمئىي سانى 1 مىڭ 963 كە، جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى بولسا 74 مىڭ 717 گە چىقتى.

ئاسىيا قىتئەسىدە ۋابانىڭ ئەڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان ھىندىستاندا، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 97 مىڭ 541 گە، يۇقۇملانغانلار سانى 6 مىليون 229 مىڭ 474 كە چىقتى.

ئىراندا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 25 مىڭ 986 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. 453 مىڭ 637 كىشى يۇقۇملاندى.

ئىران ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى تۇرۇش كېڭىشىنىڭ بىلىم كومىتېتى ئەزاسى دوكتور مەسۇد مۇرادى ۋۇخەن ۋىرۇسى يۇقۇمىنىڭ كۆپىيىشى سەۋەبىدىن دوختۇرخانىلاردا كارۋات قالمىغانلىقىنى ئېيتتى.

رۇسىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 20 مىڭ 722 گە، يۇقۇملانغانلار سانى 1 مىليون 176 مىڭغا چىقتى. 

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 6 مىڭ 479 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان پاكىستاندا، يۇقۇملانغانلار سانى 312 مىڭ 263 كە چىقتى.

جەنۇبىي ئافرىقادا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 16 مىڭ 667 گە، يۇقۇملانغانلار سانى 672 مىڭ 572 گە چىقتى.

بەزى دۆلەتلەردىكى ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈم سانلىرى تۆۋەنىدىكىچە:

مېكسىكا 77 مىڭ 163، ئىتالىيە 35 مىڭ 875، پېرۇ 32 مىڭ 396، فىرانسىيە 31 مىڭ 893، كولومبىيە 25 مىڭ 828، ئارەېنتىنا 16 مىڭ 519، چىلى 12 مىڭ 725 ۋە ئېكۋادور 11 مىڭ 312.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر