گېبرېيۇس: كىرىمى تۆۋەن دۆلەتلەرگە سىناق ئۈسكۈنىسى تارقىتىپ بېرىلىدۇ

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى باش دىرېكتورى تېدروس ئادانوم گېبرېيۇس، تۆۋەن ۋە ئوتتۇرا كىرىملىك دۆلەتلەرنى ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) يۇقۇمىنى تەكشۈرۈشى ئۈچۈن 120 مىليون دانە تېز سىناق ئۈسكۈنىسى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى.

1499094
گېبرېيۇس: كىرىمى تۆۋەن دۆلەتلەرگە سىناق ئۈسكۈنىسى تارقىتىپ بېرىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى باش دىرېكتورى گېبرېيۇس، تەشكىلاتىنىڭ شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدىكى باش ئورگىنىدا سىن كۆرۈنۈشلۈك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

گېبرېيۇس، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرىنىڭ تۈزگەن كېلىشىملىرى سايىسىدا تۆۋەن ۋە ئوتتۇرا كىرىملىك ​​دۆلەتلەرگە تېز ئۈنۈم بېرىدىغان سىناق ئۈسكۈنلىرىنىڭ بېرىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئۇ، تېز دىياگنوز قويۇش ئۈسكۈنىسىنىڭ 15 ~ 20 مىنۇتتا نەتىجىگە ئېرىشىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، «ھازىر، ھەر بىرىنىڭ باھاسى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 5 دوللار. بۇلار پولىمېرازا زەنجىرسىمان رېئاكسىيە ئانالىزاتورىغا قارىغاندا كۆرۈنەرلىك ئەرزان، بىز باھانىڭ تۆۋەنلىشىنى كۈتۈۋاتىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.  

گېبرېيۇس، سىناق ئۈسكۈنىلىرىنىڭ قايسى دۆلەتلەرگە تارقىتىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بەرمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر