دۇنيادا يۇقۇملانغانلار سانى 32 مىليوندىن ئاشتى

دۇنيا مىقياسىدا ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 988 مىڭ 172 دىن، يۇقۇملانغانلار سانى 32 مىليون 439 مىڭدىن ۋە سالامەتلىكى ياخشىلانغانلارنىڭ سانى 23 مىليون 945 مىڭدىن ئاشتى.

1497210
دۇنيادا يۇقۇملانغانلار سانى 32 مىليوندىن ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيادا ۋابانىڭ مەركىزىگە ئايلانغان ئامېرىكادا، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 207 مىڭ 538 گە، يۇقۇملانغانلار سانى 7 مىليون 185 مىڭغا يەتتى.

لاتىن ئامېرىكا قىتئەسىدە ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ ئەڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان بىرازىلىيەدە، يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 831 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

بىرازىلىيە سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ جەمئىي سانى 139 مىڭ 883 كە، جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 32 مىڭ 817 كىشى كۆپىيىپ 4 مىليون 659 مىڭغا چىققان.

مېكسىكادا يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 490 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ۋىرۇس سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ جەمئىي سانى 75 مىڭ 439 غا يەتتى. ئوخشاش ۋاقىتتا، يۇقۇملانغانلار سانى 5 مىڭ 408 كىشى كۆپىيىپ، 715 مىڭ 457 گە چىقتى.

ۋابانىڭ ياۋروپادىكى مەركىزىگە ئايلانغان ئەنگلىيەدە، يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 40 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ۋىرۇس سەۋەبىدىن جەمئىي جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 41 مىڭ 902 گە چىقتى.  ئوخشاش ۋاقىتتا، يۇقۇملانغانلار سانى 6 مىڭ 634 كىشى ئېشىپ 416 مىڭ 363 كە چىقتى. مەزكۇر يۇقۇم سانى ۋىرۇس ئوتتۇرىغا چىققاندىن تارتىپ كۆرۈلگەن ئەڭ يۇقىرى يۇقۇم سانى بولۇپ قالدى.

ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىلىم مەسلىھەتچىسى پاترىك ۋالانس (Patrick Vallance) 2020-يىلى 20 سېنتەبىر بايانات ئېلان قىلىپ، ۋۇخەن ۋىرۇسى يۇقۇمىنىڭ ھەر ھەپتە ئىككى ھەسسە ئېشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ شەكىلدە داۋاملاشقان ئەھۋالدا ئۆكتەبىر ئېيىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ھەر كۈنى 50 مىڭ يۇقۇملىنىشنىڭ كۆرۈلۈشى مۇمكىنلىكى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.

باش ۋەزىر بورىس جونسون چىقارغان تەدبىرلەر رامكىسىدا، قاۋاقخانىلار ۋە رېستورانلار شۇ يەر ۋاقتى 22:00 دە تاقالدى.

فىرانسىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 52 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى ۋە جەمئىي سان 31 مىڭ 511 گە چىقتى. يۇقۇملانغانلار سانى بولسا، ۋىرۇس ئوتتۇرىغا چىققاندىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى رەقەم بولغان 16 مىڭ 96 كىشى ئېشىپ 497 مىڭ 237 گە چىقتى.

پارىژ دوختۇرخانىلار گۇرۇپپىسى بايانات ئېلان قىلىپ، پايتەختتە بۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ئوپېراتسىيەلەرنىڭ %20 نىڭ كېچىكتۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

فىرانسىيە باش مىنىستىرى ژون كاستېكس (Jean Castex) يۇقۇم ۋەزىيىتى تېخىمۇ يامانلاشقان ئەھۋالدا كوچىغا چىقىشنى چەكلەش تەدبىرلىرىنىڭ قايتا يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئىسپانىيەدە يېقىنقى بىر ھەپتىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 500 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن، جەمئىي سان 31 مىڭ 118 گە چىققان بولدى.

ئىسپانىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى يېقىنقى 24 سائەتتە 10 مىڭ 653 كىشى يۇقۇملانغانلىقىنى ۋە جەمئىي ساننىڭ 704 مىڭ 209 غا چىققانلىقىنى بىلدۈردى.

مادرىد ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت رايوندىكى يۇقۇم ۋەزىيىتىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈپ، بۈگۈن (2020-يىلى 25-سېنتەبىر) دىن باشلاپ بەزى قوشۇمچە تەدبىرلەرنى يولغا قويىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

پورتۇگالىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ئۈچ كىشى جېنىدىن ئايرىلدى ۋە جەمئىي سان 931 گە چىقتى. ئوخشاش ۋاقىتتا، 691 كىشى يۇقۇملاندى ۋە جەمئىي سان 71 مىڭ 156 گە چىقتى.

ئاۋستىرالىيەنىڭ ۋىكتورىيا ئىشتاتىدا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن سەككىز كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ئاۋستىرالىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ جەمئىي سانى 869 غا چىقتى.

ئاسىيا قىتئەسىدە ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ ئەڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان ھىندىستاندا، يېقىنقى 24 سائەتتە 1 مىڭ 141 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ۋىرۇس سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ جەمئىي سانى 92 مىڭ 317 گە چىقتى. ئوخشاش ۋاقىتتا، 86 مىڭ 52 كىشى يۇقۇملاندى ۋە جەمئىي سان 5 مىليون 818 گە چىقتى.

رۇسىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 20 مىڭ 56 گە، يۇقۇملانغانلار سانى 1 مىليون 136 مىڭغا چىقتى.

ئىسىرائىلىيەدە ۋىرۇس ئوتتۇرىغا چىققاندىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى بولغان 59 ئۆلۈم سانى كۆرۈلدى. ۋىرۇسقا مۇناسىۋەتلىك جەمئىي ئۆلۈم سانى 376 گە چىقتى. يۇقۇملانغانلار سانى 6 مىڭ 499 ئېشىپ 209 مىڭ 635 كە چىقتى.

ئىسىرائىلىيە ھۆكۈمىتى يۇقۇمدىكى يۇقىرى ئېشىش سەۋەبىدىن 2020-يىلى 18-سېنتەبىردىن باشلاپ ئۈچ ھەپتىلىك كارانتىن ئېلان قىلدى.

پەلەستىندە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 322 گە، يۇقۇملانغانلار سانى 47 مىڭ 830 غا چىقتى.

پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىقى ئۈسكۈنە كەمچىللىكى سەۋەبىدىن ئىككى كۈن بويىچە يۇقۇم تەكشۈرۈشى قىلىنمىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.  

ئافرىقا قىتئەسىدە يېقىنقى سائەتتە 175 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى ۋە جەمئىي سان 34 مىڭ 758 گە چىقتى. يۇقۇملانغانلار سانى 8 مىڭ 186 ئېشىپ 1 مىليون 444 مىڭغا چىقتى.

جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدە 16 مىڭ 283 كىشى، مىسىردا 5 مىڭ 835 كىشى، ماراكەشتە 1 مىڭ 956 كىشى ۋىرۇس سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلدى.

بەزى دۆلەتلەردىكى ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈم سانلىرى تۆۋەندىكىچە:

ئىتالىيە 35 مىڭ 781، پېرۇ 31 مىڭ 938، كولومبىيە 24 مىڭ 924، ئارگېنتىنا 14 مىڭ 766، چىلى 12 مىڭ 469 ۋە ئېكۋادور 11 مىڭ 213.


خەتكۈچ: #ۋابا , #ۋىرۇس

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر