خىتايدا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» ۋاكسىنىسى كىلىنىكىلىق سىناقتىن  ئۆتكۈزۈلدى

خىتاي 4 يېڭى «ۋۇخەن ۋىرۇسى» ۋاكسىنىسىنىڭ 3 – باسقۇچلۇق كىلىنىكىلىق سىناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

1493231
خىتايدا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» ۋاكسىنىسى كىلىنىكىلىق سىناقتىن  ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي پەن-تېخنىكا مىنىستىرى ۋاڭ جىگاڭ، دۆلەت ئىلكىدىكى «‹CGTN› تېلېۋىزىيە قانىلى» دا بەرگەن باياناتىدا، ھازىرغىچە 4 ى 3 – باسقۇچتا بولۇپ، جەمئىي  11 نامزات ۋاكسىنىنىڭ كىلىنىكىلىق سىناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

 نامزات 4 ۋاكسىنىدىن بىرىنىڭ، خىتاينىڭ بىيودورىگەرلىك شىركىتى «CanSino Biologics» تەرىپىدىن تەتقىق قىلىنىپ ياسالغانلىقى، باشقىلىرىنىڭ بولسا، ئىقتىدارى يوقىتىلغان ۋىرۇس ئارقىلىق تەتقىق قىلىنىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خىتاي كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزىدىكى بىيوبىخەتەرلىك مۇتەخەسسىسى ۋۇ گۈيچەن بولسا، ئۈچىنچى باسقۇچلۇق كىلىنىكىلىق سىناقلاردا ھازىرغىچە مەسىلە كۆرۈلمىگەچكە، ئاممىنىڭ نويابىر ياكى دېكابىر ئايلىرىدا كوۋىد -19 ۋاكسىنىسىنى ئۇرغۇزۇشقا باشلايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر