شىۋېتسىيەلىك ئاشقۇن سىياسەتچى قۇرئان كەرىمنىڭ كۆيدۈرۈلۈشىگە قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

جىممىي ئاكېسسون، دۆلىتىدىكى قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرۈش ئىغۋاگەرچىلىكىنى پەيدا قىلغان دانىيەلىك ئاشقۇن ئوڭچىل «قاتتىق يۆنىلىش» پارتىيەسى ئەزالىرىنى تەنقىد قىلدى.

1492265
شىۋېتسىيەلىك ئاشقۇن سىياسەتچى قۇرئان كەرىمنىڭ كۆيدۈرۈلۈشىگە قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كۆچمەنلەرگە قارشى پىكىر ۋە پائالىيەتلىرى بىلەن تونۇلغان شىۋېتسىيەلىك ئاشقۇن ئوڭچىل دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى جىممىي ئاكېسسون، دۆلىتىدىكى قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرۈش ئىغۋاگەرچىلىكىنى پەيدا قىلغان دانىيەلىك ئاشقۇن ئوڭچىل «قاتتىق يۆنىلىش» پارتىيەسى ئەزالىرىنى تەنقىد قىلدى.

ئاكېسسون، «Expressen» گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، پايتەخت سىتوكھولم ۋە مالمودىكى قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرۈش قىلمىشى توغرىسىدا توختىلىپ «بۇ ھەقىقەتەنمۇ زۆرۈرىيىتى يوق بىر قىلمىش ئىدى» دېدى.

قۇرئاننىڭ كۆيدۈرۈلۈشىگە ھېسداشلىق قىلالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئاكېسسون، «شىۋېتسىيەدە بۇنداق ھەرىكەتلەرنى قىلىش ئۈچۈن نامايىش ئۆتكۈزۈش ھوقۇقى بار. بىزنىڭ بۇ نامايىش ھوقۇقىنى قوغدىشىمىز ناھايىتى مۇھىم. مەن قۇرئاننىڭ كۆيدۈرۈلۈشىگە ھېسداشلىق قىلالمايمەن. بۇ ھەقىقەتەن زۆرۈرىيىتى يوق بىر قىلمىش ئىدى. ئەمما مەن، بۇنىڭ مالمودا قۇتۇپلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىشىغىمۇ قارشىمەن» دېدى.

دانىيەدىن شىۋېتسىيەنىڭ مالمو شەھىرىگە بارغان «قاتتىق يۆنىلىش» پارتىيەسى رەھبىرى راسمۇس پالۇداننىڭ قوللىغۇچىلىرى، ئالدىنقى ئايدا ساقچىلارنىڭ رۇخسەت قىلمىغان بولۇشىغا قارىماي، قۇرئاننى كۆيدۈرگەنىدى. بۇنىڭغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزگۈچىلەرمۇ يوللارنى توسۇۋېلىپ، ئاپتوموبىللارنىڭ كامېرلىرىنى كۆيدۈرگەنىدى.

ئۆتكەن ھەپتە يەنە پالۇداننىڭ قوللىغۇچىلىرى ستوكھولىمنىڭ مۇسۇلمانلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رىنكېبى رايونىدا قۇرئان كەرىمنى يوشۇرۇن ھالدا كۆيدۈرۈپ، كۆرۈنۈشلىرىنى ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ھەمبەھىرلىگەنىدى.

ئىككى يىل بويىچە شىۋېتسىيەگە كىرىشى چەكلەنگەن پالۇدان، ئىككى ھەپتە ئىلگىرى شىۋېتسىيەدە قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرۈش پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن پۇقرالىق ئىلتماسى سۇنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر