دۇنيادا يۇقۇملانغانلار سانى 30 مىليونغا يېقىنلاشتى

دۇنيادا ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 939 مىڭ 930 دىن، يۇقۇملانغانلار سانى 30 مىليونغا يېقىنلاشتى. سالامەتلىكى ياخشىلانغانلارنىڭ سانى 21 مىليون 563 مىڭدىن ئاشتى.

1491804
دۇنيادا يۇقۇملانغانلار سانى 30 مىليونغا يېقىنلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيادا ۋابانىڭ مەركىزىگە ئايلانغان ئامېرىكادا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 200 مىڭ 197 گە، يۇقۇملانغانلار سانى 6 مىليون 788 مىڭ 147 گە چىقتى.

بىرازىلىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە 1 مىڭ 201 كىشىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلىشى بىلەن، جەمئىي سان 133 مىڭ 207 گە چىقتى. ئوخشاش ۋاقىتتا، 38 مىڭ 689 كىشىنىڭ يۇقۇملىنىشى بىلەن، جەمئىي سان 4 مىليون 384 مىڭ 299 غا چىقتى.

مېكسىكادا يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 629 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى ۋە جەمئىي سان 71 مىڭ 678 گە چىقتى. ئوخشاش ۋاقىتتا، 4 مىڭ 771 كىشى يۇقۇملاندى ۋە جەمئىي سان 676 مىڭ 487 گە چىقتى.

ئىتالىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن توققۇز كىشى جېنىدىن ئايرىلدى ۋە جەمئىي سان 35 مىڭ 633 كە چىقتى. ئوخشاش ۋاقىتتا، 1 مىڭ 229 كىشى يۇقۇملاندى ۋە جەمئىي سان 289 مىڭ 990 غا چىقتى.

فىرانسىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 49 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى ۋە جەمئىي سان 30 مىڭ 999 غا چىقتى. ئوخشاش ۋاقىتتا، 7 مىڭ 852 كىشىنىڭ يۇقۇملاندى ۋە جەمئىي سان 395 مىڭ 104 كە چىقتى.

ئىسپانىيەدە يېقىنقى بىر ھەپتىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 303 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى ۋە جەمئىي سان 30 مىڭ 4 كە چىقتى.

ئىسپانىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى يېقىنقى 24 سائەتتە 9 مىڭ 437 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقىنى ۋە جەمئىي ساننىڭ 603 مىڭ 167 گە چىققانلىقىنى ئېلان قىلدى.

سەھىيە خادىملىرى مادرىدتا خىزمەت شارائىتىنى ياخشىلاشنى ۋە قوشۇمچە تەدبىرلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى تەلەپ قىلىپ نامايىش قىلدى. باسك رايونىدا ئوقۇتقۇچى-خىزمەتچىلەر ئىش تاشلىدى.

پورتۇگالىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن تۆت كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى ۋە 425 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقىنى. دۆلەتتە جەمئىي جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 1 مىڭ 875 كە، جەمىي يۇقۇملانغانلار سانى بولسا 65 مىڭ 21 گە چىقتى.

ئاسىيا قىتئەسىدە ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ ئەڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان ھىندىستاندا يېقىنقى 24 سائەتتە 1 مىڭ 348 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ جەمئىي سانى 82 مىڭ 124 كە چىقتى. ئوخشاش ۋاقىتتا، 97 مىڭ 132 كىشى يۇقۇملاندى ۋە جەمئىي سان 5 مىليون 25 مىڭ 43 كە چىقتى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 23 مىڭ 632 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان، 410 مىڭ 334 كىشى يۇقۇملانغان ئىراندا، كىچىك بالىلاردا يۇقۇملىنىش كۆپەيمەكتە. پايتەخت تېھراندىكى ئەلى ئاسگار بالىلار دوختۇرخانىسىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بالىلار سېستىراسى سۈرەييا شۇجائى 2020-يىلى ئاۋغۇست ئېيىدىن تارتىپ يۇقۇملۇق بۆلۈمگە ياتقۇزۇلغان بالىلار سانىدا ئېشىش كۆرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

رۇسىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 132 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى ۋە جەمئىي سان 18 مىڭ 917 گە چىقتى. ئوخشاش ۋاقىتتا، 5 مىڭ 670 كىشى يۇقۇملاندى ۋە جەمئىي سان 1 مىليون 79 مىڭ 519 غا چىقتى.

ئىسىرائىلىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ئالتە كىشى جېنىدىن ئايرىلدى ۋە جەمئىي سان 1 مىڭ 147 گە چىقتى. ئوخشاش ۋاقىتتا، 5 مىڭ 523 كىشىنىڭ يۇقۇملىنىشى بىلەن، جەمئىي سان 166 مىڭ 794 كە چىقتى. بۇ 2020-يىلى 21-فېۋرالدا ئىسىرائىلىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك تۇنجى ۋەقە كۆرۈلگەندىن بۇيانقى ئەڭ كۆپ يۇقۇم سانى بولۇپ قالدى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 6 مىڭ 393 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان پاكىستاندا، تۈركىيە مائارىپ ۋەخپىگە قاراشلىق پاكىستان-تۈركىيە مائارىپ خەلقئارالىق مەكتەپلەرنىڭ ئوخشىمىغان 10 شەھەردىكى 27 مەكتىپى ۋۇخەن ۋىرۇسى نەزەرگە ئېلىنغان ئاساستا نورمال ئوقۇش باشلىدى.

ئافرىقا قىتئەسىدە ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ كۆپ ئۆلۈم ۋە يۇقۇم ۋەقەسى كۆرۈلگەن جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدە 142 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلىشى بىلەن، جەمئىي سان 15 مىڭ 641 بولدى. يېقىنقى 24 سائەتتە 772 كىشىدە ۋىرۇس بايقالدى ۋە جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 651 مىڭ 521 گە چىقتى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 4 مىڭ 338 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان سەئۇدى ئەرەبىستاندا، تەخمىنەن ئالتە ئاي توختىتىلغان ئۆمرە پائالىيەتلىرى قەدەممۇ قەدەم باشلىنىدۇ. ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۆمرە پائائلىيەتلىرىنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە دۆلەت ئىچىدىن باشلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۆمرە قىلىشنى تەلەپ قىلغان كىشىلەر كېرەكلىك شەرت ۋە تەلەپلەرنى ئورۇنلىشى، مۇناسىۋەتلىك ئورگانلاردىن رۇخسەت ئېلىشى ۋە ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانمىغانلىقى ھەققىدە ئىسپاتى بولۇشى كېرەك.

سەئۇدى ئەرەبىستان ھەج ۋە ئۆمرە مىنىستىرلىقى ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە مەزكۇر پىلان ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلان قىلىدۇ. بۇ يىل (2020) ۋابا سەۋەبىدىن ھەج ئىبادىتى دۆلەت ئىچىدىكىلەرگە رۇخسەت قىلىنغان، دۆلەت سىرتىدىكىلەرگە رۇخسەت قىلىنمىغان ئىدى.

ئىراقتا يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 80كىشى جېنىدىن ئايرىلدى ۋە جەمئىي سان 8 مىڭ 166 گە چىقتى. ئوخشاش ۋاقىتتا، 4 مىڭ 244 كىشى يۇقۇملاندى ۋە جەمئىي سان 298 مىڭ 702 گە چىقتى.

ھىندونېزىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 124 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى ۋە جەمئىي سان 8 مىڭ 965 كە چىقتى. ئوخشاش ۋاقىتتا، 3 مىڭ 507 كىشىنىڭ يۇقۇملىنىشى بىلەن، جەمئىي سان 225 مىڭ 30 غا چىقتى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 128 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان مالايشىيادا، يېقىنقى 24 سائەتتە ۋىرۇسقا مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈم ۋەقەلىرى كۆرۈلمىدى. تۈنۈگۈن (2020-يىلى 15-سېنتەبىر) 23 كىشىنىڭ يۇقۇملىنىشى بىلەن، جەمئىي سان 9 مىڭ 969 غا چىقتى.

ياپونىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە 13 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى ۋە جەمئىي سان 481 گە؛ ئوخشاش ۋاقىتتا، 531 كىشىنىڭ يۇقۇملىنىشى بىلەن، جەمئىي سان 77 مىڭ 283 كە چىقتى.

ئۇمماندا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 797 گە، يۇقۇملانغانلار سانى 90 مىڭ 660 قا چىقتى. يېقىنقى 24 سائەتتە يەتتە كىشى ۋىرۇس سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلدى. ئوخشاش ۋاقىتتا، 438 كىشى يۇقۇملاندى.

كۇۋەيتتە يېقىنقى 24 سائەتتە بەش كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 829 كىشى يۇقۇملاندى. شۇنىڭ بىلەن، ۋىرۇس سەۋەبىدىن جەمئىي جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 568 گە، جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 96 مىڭ 301 گە چىقتى.

قاتاردا يېقىنقى 24 سائەتتە بىر كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 239 كىشى يۇقۇملاندى. شۇنىڭ بىلەن، ۋىرۇس سەۋەبىدىن جەمئىي جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 208 گە، جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 122 مىڭ 214 كە چىقتى.

بەزى دۆلەتلەردىكى ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈم سانلىرى تۆۋەندىكىچە:

قازاقىستان 1 مىڭ 671، مولدوۋا 1 مىڭ 144، بېلارۇسىيە 761، ئەزەربەيجان 566، ئۆزبېكستان 402 ۋە تاجىكستان 73.           


خەتكۈچ: #يۇقۇم , #ۋابا

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر