ياپونىيەدە 100 ياشتىن ئاشقانلارنىڭ سانى 100 مىڭغا يېقىنلاشتى

ياپونىيەدە 100 ياشتىن ئاشقانلارنىڭ سانى تۇنجى قېتىم 80 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى.

1490837
ياپونىيەدە 100 ياشتىن ئاشقانلارنىڭ سانى 100 مىڭغا يېقىنلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەھىيە، ئەمگەك ۋە پاراۋانلىق مىنىستىرلىقى نوپۇس تىزىملىكى سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسەن، مەملىكەتتىكى يۈز ياشتىن ئاشقانلارنىڭ مەلۇماتلىرىنى يېڭىلىدى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، يېشى بىر ئەسىردىن ئاشقانلارنىڭ سانى 9 مىڭ 176 كىشى ئېشىپ، 80 مىڭ 450 كە يەتكەن.

ياپونىيەدە بۇ سانلىق مەلۇماتلارنىڭ 50 يىلدىن بۇيان توختىماي كۆپىيىۋاتقانلىقى، ئاياللاردا بۇ نىسبەتنىڭ 88% نى تەشكىل قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

يۈز ياشتىن ئاشقانلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ شىمانې ئۆلكىسىدە ياشايدىغانلىقى، ئۇنىڭدىن قالسىلا رەت بويىچە كوچى ۋە توتتورى ئۆلكىلىرىدە ياشايدىغانلىقى قەت قىلىندى.

ياپونىيەدە 2019 - يىلدىكى سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئاياللارنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 87.45  ۋە ئەرلەرنىڭ 81.41 ياش شەكلىدە داۋاملاشماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر