يەمەن ئارمىيەسى مۇھىم بىر رايوننى خۇسىيلاردىن قۇتۇلدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى

يەمەن ئارمىيەسى شەرقىي مارىب ۋىلايىتىگە قاراشلىق مۇھىم بىر رايوننىڭ ئىران قوللاۋاتقان خۇسىيلاردىن قۇتۇلدۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1490919
يەمەن ئارمىيەسى مۇھىم بىر رايوننى خۇسىيلاردىن قۇتۇلدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەمەن ئارمىيەسىگە تەۋە «سىنتەبىر تورى» ناملىق ئىنتېرنېت تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يەمەن ئارمىيەسى قىسىملىرى مارىب ۋىلايىتىگە قاراشلىق ماھدارا رايونىدا خۇسىي قوراللىق ئۇنسۇرلىرى جايلاشقان ئەلقىددە رايونىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغان.

ھەرىكەتتە خۇسىيلار ئېغىر يوقۇتۇشقا ئۇچرىغان ۋە ئوق-دورىلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان. يەمەن ئارمىيەسى قىسىملىرى ئەلقىددە رايونىنىڭ كونتروللۇقىنى ئالقىنىغا ئالغان.

خەۋەردە رايوننىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلمىدى.

يەمەن ئارمىيەسى قىسىملىرى يەنە، دۆلەتنىڭ شىمالىدىكى جەۋف ۋىلايىتىگە قاراشلىق ئەل-مەزارىك فرونتىنىڭ شەرقىدىكى داھىدا رايونىدا تۇرشلۇق خۇسىي قوراللىق ئۇنسۇرلىرىغىمۇ ھۇجۇم قىلدى.

بۇ ھەرىكەتتە نەچچە ئونلىغان خۇسىي قوراللىقلىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەن ۋە يارىلانغانلىقى، ھەربىي ئوق-دورالىرىنىڭ مۇسادىرە قىلىنغانلىقى ياكى كارغا كەلمەس ھالغا كەلتۈرۈلگەنلىكى ھەمدە 10 دىن ئارتۇق خۇسىي قوراللىقلىرىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە ئارمىيەگە تەۋە كۈرەشچى ئايروپىلانلارنىڭمۇ ھاۋادىن قىلغان كۈچلۈك ھۇجۇملىرىدا، مەزارىك فىرونتىدىكى خۇسىي قوراللىقلىرى ھۇجۇم نىشانى قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ھۇجۇملاردا ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلارنىڭ بارلىقى قەيت قىلىندى. خۇسىي ئۇنسۇرلىرىغا تەۋە ئوق-دورىلارنىڭ ئىشلەتكىلى بولمايدىغان ھالغا كەلتۈرۈلگەنلىكى تەكىتلەندى.

خۇسىيلار بۇ ھەقتە تېخىچە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.

ئۇزۇندىن بۇيان سىياسىي مۇقىمسىزلىق ئەۋج ئالغان يەمەندە، ئىران قوللاۋاتقان خۇسىيلار 2014 - يىلى سىنتەبىردىن باشلاپ پايتەخت سانا ۋە بىر قىسىم رايونلارنى كونتروللۇقىنى تارتىۋالغان ئىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە كۈچلەر 2015 - يىلى مارت ئېيىدىن بېرى ھۇسىيلارغا قارشى يەمەن ھۆكۈمىتىگە ياردەم بەرمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر