تالىبان ئۇنسۇرلىرى يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە جەمئىي 15 ۋىلايەتكە ھۇجۇم قىلدى

ئافغانىستاننىڭ كاپىسا ۋىلايىتىگە قاراشلىق تەگاب رايونىدا تالىبان ئۇنسۇرلىرىنىڭ قوراللىق ھۇجۇمىدا بەش ساقچى قازا قىلدى.

1489616
تالىبان ئۇنسۇرلىرى يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە جەمئىي 15 ۋىلايەتكە ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كاپىسا ساقچى ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى ئابدۇل شايىق شۇرىش تالىبان قوراللىق ئۇنسۇرلىرىنىڭ تەگاب ناھىيە مەركىزىگە قوراللىق ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

شايىق شۇرىش ھۇجۇمدا 5 ساقچىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ۋە  7ساقچىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېيتتى.

شايىق شۇرىش ھۇجۇمدىن كېيىن يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا تالىبان قوراللىق ئۇنسۇرلىرىنىڭمۇ يۇقۇتۇشقا ئۇچرىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئافغانىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىمۇ تالىبان قوراللىق ئۇنسۇرلىرىنىڭ يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە جەمئىي 15 ۋىلايەتكە ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر