دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: 35 ۋاكسىنا سىناق قىلىنىۋاتىدۇ

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى دۇنيا مىقياسىدا كوۋىد – 19 غا تاقابىل تۇرۇش - تىزگىنلەش مەقسىتىدە ئىشلىنىش، تەرەققىي قىلدۇرۇلۇش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان 180 ۋاكسىنىنىڭ 35 ىنىڭ ئىنسانلاردا سىناق قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1488699
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: 35 ۋاكسىنا سىناق قىلىنىۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى باش دېرىكتورى در. تېدروس ئادانوم گېبرېيۇس، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ شىۋىتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدىكى باش ئورگىنىدا ئۆتكۈزۈلگەن سىن كۆرۈنۈشلۈك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، كوۋىد – 19 بىمارلىرىنى داۋالاشنىڭ ئۈنۈملۈك يوللىرىنى تېپىپ چىقىش مەقسىتىدە مارت ئېيىدا «ھەمكارلىق سىنىقى» پىروگراممىسىنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتتى.

گېبرېيۇس، دۇنيا مىقياسىدىكى كوۋىد – 19 ۋاكسىنىسى تەتقىقاتى خىزمەتلىرى توغرىسىدا توختىلىپ،: «ھازىر 180 ۋاكسىنا تەتقىق قىلىنىۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ 35 ى ئىنسانلاردا سىناق قىلىنىۋاتىدۇ» دېدى.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى پەن - تەتقىقاتچىلار ئۆمىكىنىڭ باش مۇتەخەسسىسى در.سوميا سۋامىناتان بولسا، «7 - ئايدا بىر قانچە سىناق باشلىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ۋاقىتلىق بولسىمۇ بەزى نەتىجىلەرنى كۆرۈشكە باشلىشىمىز مۇمكىن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

سۋامىناتان، بىر ۋاكسىنىنىڭ بازارغا سېلىنىشتىن بۇرۇن چوقۇم كەم دېگەندە 6 ئاي بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر