كانادالىق سوتچى مۇسۇلمان ئايالدىن 5 يىل كېيىن كەچۈرۈم سورىدى

كانادانىڭ كۇبېك ئۆلكىسىدە بېشىغا ياغلىق ئارتقانلىقى ئۈچۈن مۇسۇلمان ئايالنىڭ دېلوسىغا قارىمىغان سوتچى ئارىدىن بەش يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سورىدى.

1488310
كانادالىق سوتچى مۇسۇلمان ئايالدىن 5 يىل كېيىن كەچۈرۈم سورىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كۇبېك ئۆلكىسىدىكى سوتچىلارنىڭ ئەڭ ئالىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگىنى بولغان كۇبېك ئەدلىيە كېڭىشىنىڭ ئەزالىرى، ئىلگىرىكى قارارىغا ئاساسەن، سوتچى ئېلىئانا مارېنگو ۋە  دېلوسىغا قارىمىغان رانىيا ئەلئاللوئۇل بىلەن توردا يىغىن ئاچتى.

كېڭەش ئەزالىرى ئالدىدا كەچۈرۈم خېتىنى ئوقۇغان سوتچى مارېنگو، ئەلئاللوئۇلدىن ياغلىقىنى ئېلىۋېتىشنى تەلەپ قىلىپ خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىكىنى ۋە بۇ ئارقىلىق كۆڭلىنى رەنجىتكەنلىكىدىن پۇشايمان قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

مارېنگو، ئەينى ۋاقىتتا ئەلئاللوئۇلنىڭ ياغلىقىىنى سوت زالىدا كىيىلىدىغان دوپپا ياكى قارا كۆزەينەك بىلەن ئارىلاشتۇرۇۋەتكەنلىكىنى بايان قىلىپ كەچۈرۈم سورىدى.

رانىيا ئەلئاللوئۇلمۇ مارېنگونىڭ كەچۈرۈم سورىشىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

كانادانىڭ مونترېئال شەھىرىدە، 2015-يىلى ئاپرېل ئېيىدا، سوتچى مارېنگو، قاتناش جىنايىتى سەۋەبلىك سوتقا كەلگەن جاۋابكار مۇسۇلمان ئايالنىڭ بېشىغا ياغلىق ئارتقانلىقىنى باھانە قىلىپ دېلوغا قارىمىغانىدى.

بۇ ۋەقە، كانادا ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىدە قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغاندىن كېيىن، كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترۇدوغانىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ خەلق ئاممىسى ئەلئاللوئۇلنى قوللىغانىدى.

كۇبېك ئۆلكىلىك ئەدلىيە كېڭىشى، شۇنىڭدىن كېيىن تاپشۇرۇۋالغان ئونلارچە شىكايەت ئىلتىماسىغا قاراپ چىقىش يىغىنىدا، سوتچىنىڭ ئەلئاللوئۇلدىن مەكتۇپ ئارقىلىق كەچۈرۈم سورىشىنى قارارلاشتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر