دوكلات: «ئامېرىكانىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرىشى 37 مىليون ئادەمنى يۇرت - ماكانىدىن مەھرۇم قىلدى»

ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشلىرىدا كەم دېگەندە 37 مىليون كىشىنىڭ ئۆي - ماكانلىرىدىن ئايرىلغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

1487414
دوكلات: «ئامېرىكانىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرىشى 37 مىليون ئادەمنى يۇرت - ماكانىدىن مەھرۇم قىلدى»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ 2001 - يىلى 11 - سېنتەبىردە دۇنيا سودا مەركىزى ۋە بەشبۇرجەكلىك بىناغا قىلىنغان ھۇجۇملاردىن كېيىن قوزغىغان تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشلىرىدا كەم دېگەندە 37 مىليون كىشىنىڭ ئۆي - ماكانلىرىدىن ئايرىلغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

رود ئارىلىدىكى بروۋىن ئۇنۋېرسىتىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان «ئۇرۇش خىراجەتلىرى» ناملىق دوكلاتتا، 11 - سېنتەبىر ھۇجۇملىرىدىن كېيىن «تېررورىزمغا قارشى كۈرەش» نى چۆرىدىگەن ھالدا ئېلىپ بېرىلىشقا باشلىغان ھەربىي ھەرىكەتلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاقىۋەتلەرنىڭ كارتىنىلىرى سىزىپ چىقىلدى.

دوكلاتتا، ئامېرىكانىڭ «تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش» دېگەن نام ئاستىدىكى ھەربىي مۇداخىلىلىرى سەۋەبىدىن كەم دېگەندە 37 مىليون كىشىنىڭ مۇساپىر بولۇپ قالغانلىقى ۋە بۇ ساننىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، 1900 - يىلدىن بۇيان يۈز بەرگەن توقۇنۇشلار نەتىجىسىدە سەرگەردان بولغانلار ئومۇمىي سانىدىن كۆپ ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

ئافغانىستان، ئىراق، پاكىستان، يەمەن، سومالى، فىلىپپىن، لىۋىيە ۋە سۈرىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى تەكشۈرۈش ئوبېيكتى قىلغان دوكلاتتا، 2002 - يىلى ئامېرىكانىڭ سومالىدىكى ئەششەباب تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قاراتقان ھەربىي ھەرىكىتىدىن بۇيان بۇ دۆلەت ئاھالىسىنىڭ %46 ىنىڭ توقۇنۇشلاردىن ساقلىنىش ئۈچۈن قوشنا دۆلەتلەردە پاناھلىنىشقا باشلىغانلىقى مىسال قىلىپ كۆرسىتىلدى.

دوكلاتتا يەنە، 37 مىليون دېگەن بۇ ساننىڭ ناھايىتى تۆۋەن ھېسابلاش ئۇسۇلى بويىچە چىقىرىلغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنىپ، بۇنىڭ ئامېرىكانىڭ ھەربىي مۇداخىلىلىرىدىن باشقا تار دائىرىدە تېررورىزمغا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بارغان بۇركىنا فاسو، چاد، كونگو، مالى، نىگېر قاتارلىق دۆلەتلەردە سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن مىليونلىغان كىشىنىڭ ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغانلىقى، شۇڭا بۇ ساننىڭ ئەمەلىيەتتە 48 مىليون بىلەن 59 مىليون ئارىلىقىدا بولۇشىنىڭ مۇمكىنلىكى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر