دۇنيا مىقياسىدا يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى 879 مىڭغا يەتتى

دۇنيا مىقياسىدا ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى 879 مىڭغا يېقىنلاشتى، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 26 مىليون 795850 كە، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر سانى 18 مىليون 907700 دىن ھالقىدى.

1485224
دۇنيا مىقياسىدا يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى 879 مىڭغا يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يۇقۇمنىڭ مەركىزىي بازىسىغا ئايلانغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا قازا قىلغانلار سانى 192111 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 6 مىليون 389057 گە؛ بىرازىلىدە قازا قىلغانلار سانى 125584 كە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى بىر كۈن ئىچىدە يېڭىدىن يۇقۇم بايقالغان 50163 كىشىنى قوشقاندا جەمئىي 4 مىليون 91801 گە، مېكسىكادا قازا قىلغانلار سانى 66851 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 623090 غا يەتتى.

يۇقۇمنىڭ ياۋروپادىكى مەركىزىي بازىسى بولغان ئەنگلىيەدە قازا قىلغانلار سانى 41537 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 342351 گە، ئاۋسترالىيەدە قازا قىلغانلار سانى 748 گە يەتتى.

ھىندىستاندا قازا قىلغانلار سانى 69635 كە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 4 مىليون 23179 غا؛ پەلەستىندە قازا قىلغانلار سانى 192 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 32817 گە يەتتى.

ئافرىقا قىتئەسىدە جەمئىي قازا قىلغانلار سانى 30905 كە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 1 مىليون 289817 گە يەتتى؛ ئافرىقا قىتئەسىدىكى يۇقۇمنىڭ ئەڭ ئېغىر زەربىسىگە ئۇچرىغان دۆلەت جەنۇبىي ئافرىقادا قازا قىلغانلار سانى 14678 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 635078 گە؛ بۇلاردىن باشقا مىسىردا 5495، ئالجىرىيەدە 1539 ئادەم قازا قىلدى



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر