نىيۇ يورك ۋالىيسى ترامپقا جاۋاب قايتۇردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا نىيۇ يورك ۋالىيسى ئاندرېۋ كومو پىرېزىدېنت ترامپنىڭ شەھەرگە فېدېراتسىيە ياردەملىرىنى ئۈزۈش تەھدىتىگە جاۋاب قايتۇردى.

1484528
نىيۇ يورك ۋالىيسى ترامپقا جاۋاب قايتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كومو، ترامپنىڭ نىيۇ يوركنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان نامايىشلار جەريانىدا قانۇنسىز ھەرىكەتلەرگە يول قويغان ئىشتاتلارغا فېدېراتسىيە ياردەملىرىنى ئۈزۈش تەھدىتىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «نىيۇ يوركلۇقلار ترامپنى ياقتۇرمايدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ نىيۇ يوركقا كېلەلىشى مۇمكىن ئەمەس. ئەگەر ئۇ نىيۇ يورك كوچىلىرىدا مېڭىشنى ئويلىسا، ئۇنداقتا، مۇھاپىزەتچىلىرى بىلەن ئەمەس، ئارمىيە بىلەن بىللە كېلىشى كېرەك. ترامپنىڭ نىيۇ يورك ئۈچۈن قىلغان ئەڭ ياخشى ئىشى، ئۇنىڭ بۇ يەردىن ئايرىلىشى ئىدى. ئۇ ئەڭ ياخشىسى فلورىداغا كېتىشى لازىم. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، ترامپ باشتىن تارتىپلا نىيۇ يوركنى جازالاندۇرۇشنى كۆڭلىگە پۈككەن، شۇڭا ئۇ ھەرقايسى شەھەرلەر ۋە ئىشتاتلارنىڭ قايتىدىن قەددىنى رۇسلىشى ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان مەبلەغلەرنى بېرىشنى رەت قىلىۋاتىدۇ. ترامپ نىيۇ يوركنىڭ ئىقتىسادىي ياردەملىرىنى ئۈزىدىغانغا پادىشاھ ئەمەستۇر. دەرۋەقە، بۇ قانۇنسىزلىقتۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر