ئۇكرائىنا تۈركىيەنىڭ قورال سانائىتىگە يۇقىرى باھا بەردى

ئۇكرائىنانىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى، قوشۇمچە ئىستراتېگىيەلىك سانائەتلەرگە مەسئۇل مىنىستىرى ئولېگ ئۇرۇسكىي، ئۆز قورالىنى ئىشلەپچىقىرىش مەسىلىسىدە تۈركلەرنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە ئارزۇسىنىڭ ئادەمنى تەسىرلەندۈرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1483845
ئۇكرائىنا تۈركىيەنىڭ قورال سانائىتىگە يۇقىرى باھا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇرۇسكىي ئۇكرائىنا خەۋەر ئاگېنتلىقى – ئۇكرىنفورمغا بايانات بېرىپ، تۈركىيەنىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ 15 يىل ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا ناھايىتى ياخشى نۇقتىغا يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

«ئەۋرىشكە يىغىش كېرەك بولغان نۇرغۇن نۇقتىلار بار. تۈركىيەدە مۇداپىىئە سانائىتى، دۆلەت ۋە خۇسۇسىي كارخانىلار ئوخشاش ھوقۇق ۋە پۇرسەتكە ئىگە بىر ساھە» دېگەن ئۇرۇسكىي، ئۆز قورالىنى ئىشلەپچىقىرىش مەسىلىسىدە تۈركلەرنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە ئارزۇسىنىڭ ئادەمنى تەسىرلەندۈرىدۇ دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

تۈركىيەنىڭ ئۆزىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى ، تىك ئۇچارلىرىنى ياسىيالىغانلىقىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتكەن ئۇرۇسكىي، بۇنىڭ تۈرك مىللىتىنىڭ كوللېكتىپ ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇرىنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ، دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنىڭ بىرىنچى قەدىمىنى موتور ، ئايروپىلان ، بىرونېۋىك ، راكېتا ، ئېلېكتىرونلۇق ئۇرۇش ئەسلىھەلىرى ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدە ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇرۇسكىي باشچىلىقىدىكى ئۇكرائىنا ھەيئىتى ئۆتكەن ھەپتە تۈركىيەدە ئۈچ كۈن دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر