گىرېتسىيە ئارمىيەسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۈچۈن 10 مىليارد ياۋرو مەبلەغ ئاجرىتىشنى پىلانلاۋاتىدۇ

گىرېتسىيە ھۆكۈمىتى ئارمىيىەسىنى كۈچەيتىشكە 10 مىليارد ياۋرو سەرپ قىلىشنى پىلانلىدى.

1483228
گىرېتسىيە ئارمىيەسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۈچۈن 10 مىليارد ياۋرو مەبلەغ ئاجرىتىشنى پىلانلاۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرېتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسمى ئاشكارىلانمىغان ئەمەلدارلىرى تاراتقۇلارغا بايانات بېرىپ، فىرانسىيە ۋە باشقا دۆلەتلەر بىلەن قورال سېتىۋېلىش سۆھبەتلىرىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ مەسىلە توغرىسىدىكى سۆھبەتلەرنىڭ 10 – سېنتەبىردە كورسىكا ئارىلىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا ئوتتۇرا دېڭىز دۆلەتلىرى يىغىنىغىچە تاماملىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى يورگوس گېراپېترىتىس تېلېۋىزىيە سۆھبەت پىروگراممىسىدا، ھۆكۈمەتنىڭ ئارمىيەنى ۋە قورال - ياراغ سانائىتىنى كۈچەيتىش تىرىشچانلىقىنىڭ بىر قىسىمى سۈپىتىدە بىر قاتار دۆلەتلەر بىلەن ئالاقىلىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

فىرانسىيەدىن رافالې ئايروپىلانلىرىنى سېتىۋېلىش توغرىسىدا تېخى بىرەر كېلىشىمنىڭ تۈزۈلمىگەنلىكىنى، بۇنىڭغا دائىر سۆھبەتنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن يورگوس گېراپېترىتىس، مەقسەتنىڭ گىرېتسىيە ئارمىيەسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ، گىرېتسىيەنىڭ ياخشى قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش تەرەپدارى ئىكەنلىكىنى، تۈركىيە بىلەن بولغان ئالاقە قاناللىرىنىڭ ئوچۇق بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

بىر قانچە كۈن ئىلگىرى گىرېتسىيە تاراتقۇلىرى، ئاتىنا (ئافىنا) نىڭ پارىژدىن رافالې كۈرەشچى ئايروپىلانلىرى ۋە بېلخاررا پاراخوتى سېتىۋېلىش سۆھبەتلىرىنىڭ ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى يازغانىدى.

گىرېتسىيە مالىيە مىنىستىرى كرىستوس ستەيكۇراسمۇ مۇداپىئە چىقىمى توغرىسىدا بايانات بېرىپ، ئارمىيەنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ ئاجرىتىشقا تەييار ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر