ئافغانىستاندا تالىباننىڭ ھۇجۇمىدا نۇرغۇن ساقچى ئۆلدى

ئافغانىستاندا تالىبان ئەزالىرىنىڭ پاكتىيا ۋىلايىتىنىڭ مەركىزىدىكى ساقچىخانىغا  بومبا  ئارقىلىق ھۇجۇم قىلىشى نەتىجىسىدە 3 ساقچى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1482880
ئافغانىستاندا تالىباننىڭ ھۇجۇمىدا نۇرغۇن ساقچى ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكتىيا ۋالىي مەھكىمىسى باياناتچىسى ئابدۇرراھمان مانگېلنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بوماب قاچىلانغان ئاپتوموبىلنىڭ بىنا كىرىشىدە پارتلىتىلىشىدىن كېيىن، ئىككى زوراۋان ساقچىخانىغا بېسىپ كىرىپ، قالايمىقان ئوق چىقىرىشقا باشلىغان. ھۇجۇمدا 3 ساقچى جېنىدىن ئايرىلغان، 5 ئامانلىق ساقلىغۇچى يارىلانغان، زوراۋانلار قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر