قاراداغى ئوسلۇدىكى قۇرئان كەرىمنى يىرتىش ۋەقەسى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

دۇنيا مۇسۇلمان ئۆلىمالار بىرلىكى باش كاتىپى ئەلى مۇھيىددىن قاراداغى، نورۋېگىيەنىڭ پايتەختى ئوسلودا ئىسلامغا قارشى بىر كونسېرۋاتىپ گۇرۇپپىنىڭ قۇرئان كەرىمنى يىرتىشىنى ئەيىبلىدى.

1482502
قاراداغى ئوسلۇدىكى قۇرئان كەرىمنى يىرتىش ۋەقەسى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا مۇسۇلمان ئۆلىمالار بىرلىكى باش كاتىپى ئەلى مۇھيىددىن قاراداغى، نورۋېگىيەنىڭ پايتەختى ئوسلودا ئىسلامغا قارشى بىر كونسېرۋاتىپ گۇرۇپپىنىڭ قۇرئان كەرىمنى يىرتىشىنى ئەيىبلەپ، ۋەقەگە «تېررورغا رىغبەتلەندۈرۈش ۋە مۇقەددەس ئامىللارنى كەمسىتىش» دەپ باھا بەردى.

قاراداغى فەيسبۇكتىكى ئادرېسىدا يازما بايانات ئېلان قىلىپ، «قۇرئان كەرىمنىڭ ئاشقۇن بىر نورۋېگىيەلىك تەرىپىدىن يىرتىلىشى ۋە خارلىنىشى قۇرئان كەرىمنىڭ بىر ئىنسان مەھسۇلى ئەمەسلىكىنىڭ پاكىتىدۇر. ئەگەر كۈچىنى ئىنسانلاردىن ئالغان بىر كىتاب بولغان بولسا ئىدى (ھازىرغىچە) يوقالغان بولاتتى. بىراق ئۇ، ئىنسانلارنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھتىن كەلگەندۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

«قۇرئان كەرىمگە قىلىنغان ئەخمەقلىقنىڭ، مۇقەددەس كىتابقا ئەمەس، ئۇنى سادىر قىلغۇچىغا زىيان يەتكۈزىدىغانلىقى»نى تەكىتلىگەن قاراداغى، بۇ ۋەقەگە بېرىلىدىغان تۇنجى جاۋابنىڭ، قۇرئان كەرىمنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئاساسەن ئىسلامىي كوللېكتىپ پىكىر بىرلىكى ئورنىتىش ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىپ ئۆتتى.

نورۋېگىيە دائىرىلىرىدىن ۋەقەنىڭ جاۋابكارىنى «تېررورلۇققا كۈشكۈرتۈش ۋە مۇقەددەسلەرنى كەمسىتىش » بىلەن ئەيىبلەپ جاۋابكارلىققا تارتىشىنى تەلەپ قىلغان قاراداغى، مۇسۇلمانلارنىمۇ ئىسلام تەلىماتلىرىغا تېخىمۇ كۆپ رىئايە قىلىشقا چاقىردى ۋە ئاشقۇنلۇققا ئاشقۇنلۇق بىلەن جاۋاب قايتۇرماسلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

نورۋېگىيەنىڭ پايتەختى ئوسلودا ئىسلامغا قارشى بىر كونسېرۋاتىپ گۇرۇپپىنىڭ ئالدىنقى كۈنى پارلامېنت ئالدىدا ئۆتكۈزگەن نامايىشى جەريانىدا قۇرئان كەرىم يىرتىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر