ياۋروپا ئىتتىپاقى گىرېتسىيەنى تۈركىيە بىلەن دىيالوگ ئۆتكۈزۈشكە چاقىردى

تۈركىيەنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىز (شەرقىي ئوتتۇرا دېڭىز) دىكى يوللۇق ھەق – ھوقۇقلىرىغا ئىگە چىقىشى گىرېتسىيەنى ساراسىمىگە سېلىپ قويدى.

1482180
ياۋروپا ئىتتىپاقى گىرېتسىيەنى تۈركىيە بىلەن دىيالوگ ئۆتكۈزۈشكە چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىز (شەرقىي ئوتتۇرا دېڭىز) دىكى يوللۇق ھەق – ھوقۇقلىرىغا ئىگە چىقىشى گىرېتسىيەنى ساراسىمىگە سېلىپ قويدى. ئاتىنا (ئافېنا) دائىرىلىرى جىددىيچىلىكنى ئۇلغايتقۇچى قەدەملىرىگە ھەركۈنى يېڭىلىرىنى قوشۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

مىسىر بىلەن دېڭىزدىكى سالاھىيەت ساھەلىرى توغرىسىدا خەلقئارا قانۇننى بىر چەتكە قايرىپ قويغان ھالدا بىر كېلىشىم ئىمزالىغان ئاتىنا ھۆكۈمىتى، جىددىيچىلىكنى ئۇلغايتىدىغان يەنە بىر قەدەمنى تاشلاشقا تەييارلىق قىلماقتا.

گىرېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نىكوس دېندىئاس «رېئالنيۇز» گېزىتىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، «شارائىت پىشىپ يېتىلەر – يېتىلمەيلا قىبرىس رىم تەرىپى بىلەنمۇ ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايوننىڭ چېگراسىنى كۆرسىتىدىغان بىر كېلىشىم ئىمزالايمىز» دېدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، مەزكۇر كېلىشىم ئارقىلىق دېڭىزدىكى سالاھىيەت ساھەلىرىنىڭ رەسمىيلىككە ئىگە بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

مۇتەخەسسسىلەرنىڭ قارىشىچە، دېندىئاسنىڭ ئىغۋاگەر باياناتىنىڭ ھېچقانداق قانۇنىي ئاساسىي يوق ئىكەن. چۈنكى، گىرېتسىيە بىلەن قىبرىس رىم تەرىپى ساھىللىرى ئۆزئارا تۇتىشىدىغان چېگرالارغا ئىگە ئەمەس ئىكەن.

گىرېتسىيە، ھازىرقى شارائىتتا مەئىس ئارىلىنى چۆرىدىگەن ھالدا بىر چەكلىمە كېلىشىمى ئىمزالىيالايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان بولسىمۇ، خەلقئارا قانۇندا كۆرسىتىلىشىچە، ئاراللارنىڭ گىرېتسىيە ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان دەرىجىدە دېڭىز ساھەسى ۋە ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون ئېلان قىلىش ھەققى يوق ئىكەن.

بۇ، گىرېتسىيەنىڭمۇ رىم تەرەپ بىلەن دېڭىز سالاھىيەت ساھەسى چېگراسى يوقلۇقىنى كۆرسىتىدىكەن.

گىرېك مىنىستىر، قوشنىلىرى بىلەن دىيالوگ ئۆتكۈزۈشنى قوللايدىغانلىقلىرىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، ئاتىنانىڭ ئاساسىي غەرىزىنىڭ تۈركىيەنىڭ رايوندىكى پائالىيەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىكەنلىكى مەلۇم.

يەنە بىر تەرەپتىن، ياۋروپا ئىتتىپاقى گىرېتسىيەنى دىيالوگ ئۆتكۈزۈشكە چاقىرىپ، جىددىيچىلىكنى ئۇلغايتىۋېتىدىغان بىر تەرەپلىمە قەدەملەرنى تاشلاشنىڭ ئورنىغا تۈركىيە بىلەن دىيالوگ ئۆتكۈزۈشكە ئېھتىياج بارلىقىنى ئۇقتۇردى.

ياۋروپا كومىتېتى بايانات بېرىپ، مەسىلىگە دىپلوماتىك چارە تېپىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى؛  «تۈركىيە بىلەن دىيالوگ ئورنىتىشقا ئېھتىياج بار» دېيىلگەن باياناتتا، جىددىيچىلىكنى ئۇلغايتىۋېتىدىغان بىر تەرەپلىمە قەدەملەرنى تاشلاشتىن ساقلىنىش لازىملىقى تەكىتلەنگەندىن كېيىن، «بۇ ھەر ئىككى تەرەپ ئۈچۈن پايدىلىق» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر