ئامېرىكادا ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ، 3 كىشى قازا قىلدى
ئامېرىكانىڭ تېكساس ئىشتاتىدا بىر كىچىك ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش سەۋەبىدىن 3 كىشى قازا قىلدى.
1482040
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەرلىك مەسئۇللار بۇ ۋەقەنىڭ ھوستوننىڭ 137 كىلومىتىر غەربىي شىمالىغا توغرا كېلىدىغان بىريان شەھىرىدىكى كولتەر فېلد ئايرودورۇمىدا يۈز بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
فېدېراتسىيە ئاۋىئاتسىيە باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى لىن لۇنسفورد چۈشۈپ كەتكەن ئايروپىلاننىڭ يەككە ماتورلۇق «Piper PA24» تىپلىق ئايروپىلان ئىكەنلىكىنى ۋە ۋەقەگە قارىتا تەكشۈرۈشنىڭ باشلانغانلىقىنى ئېيتتى.
ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش نەتىجىسىدە 3 كىشى قازا قىلىپ، 1 كىشىنىڭ ئېغىر يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.