باغداتتىكى خەلقئارا ئايرودورۇمغا يېقىن جايغا كاتيۇشا بومبىلىرى بىلەن ھۇجۇم قىلىندى
ئىراقنىڭ پايتەختى باغداتتىكى خەلقئارا ئايرودورۇمغا يېقىن جايغا كاتيۇشا بومبىلىرى بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى.
1481886
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق بىخەتەرلىك ئۇچۇر مەركىزى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، باغدات خەلقئارا ئايرودورۇمىغا يېقىن جايغا 2 كاتيۇشا بومبىسىنىڭ ئېتىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ھۇجۇمدا ئادەم ئۆلۈش ياكى يارىلىنىش ھادىسىسى كۆرۈلمىگەنلىكى تەكىتلەندى. بىراق ۋەقە ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلمىدى.
ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېخىچە ھېچ كىشى ئۆز ئۈستىگە ئالمىدى.