دۇنيادا يۇقۇملانغانلار سانى 24 يېرىم مىليونغا يېقىنلاشتى

دۇنيادا ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 830 مىڭ 825 تىن، يۇقۇملانغانلار سانى 24 مىليون 394 مىڭدىن ۋە سالامەتلىكى ياخشىلانغانلار سانى 16 مىليون 925 مىڭدىن ئاشتى.

1480038
دۇنيادا يۇقۇملانغانلار سانى 24 يېرىم مىليونغا يېقىنلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيادا ۋابانىڭ ئەڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان ئامېرىكادا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 183 مىڭ 714 كە چىقتى. يۇقۇملانغانلار سانى بولسا 6 مىليون 4 مىڭدىن ئاشتى.

ئامېرىكادىكى تىببىي ئۈسكۈنىلەر ئىشلەپچىقىرىدىغان بىر شىركەت 15 مىنۇتتا ۋۇخەن ۋىرۇسى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى چىقرىپ بېرىدىغان ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك ئۈسكۈنە ئۈچۈن بازارغا سۇنۇش ھوقۇقىنى ئالدى.

دۇنيادا ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ ئەڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان ئىككىنچى دۆلەت بولغان لاتىن ئامېرىكادىكى بىرازىلىيەدە، يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 1 مىڭ 85 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ۋىرۇس سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ جەمئىي سانى 117 مىڭ 756 گە چىقتى. ئوخشاش ۋاقىتتا، يۇقۇملانغانلار سانى 47 مىڭ 161 كىشى ئېشىپ 3 مىليون 722 مىڭغا چىقتى.

مېكسىكادا يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 626 كىشى ئېشىپ 62 مىڭ 76 گە، يۇقۇملانغانلار سانى 5 مىڭ 267 كىشى ئېشىپ 573 مىڭ 888 گە چىقتى.

ئىسپانىيەدە يېقىنقى يەتتە كۈندە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 129 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ۋىرۇس سەۋەبىدىن جەمئىي جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 28 مىڭ 971 گە چىقتى.

ئىسپانىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى يېقىنقى 24 سائەتتە 7 مىڭ 296 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ بىلەن جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانىنىڭ 419 مىڭ 849 غا چىققانلىقىنى ئېلان قىلدى. دۆلەت ئىچىدە يۇقۇملىنىشنىڭ ئېشىشى سەۋەبىدىن يېڭى ئوقۇ-ئوقۇتۇش يىلىنىڭ قانداق باشلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا مۇنازىرەلەر قوزغالدى. ئوقۇتقۇچىلاردىن كېيىن، ئوقۇغۇچىلارمۇ نامايىش قىلىشنى قارار قىلدى.

ئىتالىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 13 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى ۋە جەمئىي سان 35 مىڭ 458 گە چىقتى. ئوخشاش ۋاقىتتا، 1 مىڭ 367 كىشىنىڭ يۇقۇملىنىشى بىلەن جەمئىي سان 262 مىڭ 540 قا چىقتى.

ئىتالىيەنىڭ غەربىگە قايلاشقان ساردىنيا ئارىلى ياز كېلىشتىن بۇرۇن ۋىرۇس ئەڭ ئاز كۆرۈلگەن رايون بولغان بولسا، يېقىنقى كۈنلەردە بۇ يەردە ساياھەت قىلغانلاردا ۋىرۇسنىڭ كۆرۈلۈشى دىققەت قوزغىدى.

دۇنيادا ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ ئەڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان ئۈچىنچى دۆلەت بولغان ئاسىيا قىتئەسىدىكى ھىندىستاندا، ۋابا سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 60 مىڭ 629 غا چىقتى. يۇقۇملانغانلار سانى 3 مىليون 310 مىڭغا چىقتى.

رۇسىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 16 مىڭ 683 كە، يۇقۇملانغانلار سانى 970 مىڭ 865 كە چىقتى.

ئىراندا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 21 مىڭ 20 گە، يۇقۇملانغانلار سانى 365 مىڭ 606 گە چىقتى.

خىتايدا يېقىنقى 24 سائەتتە سەككىز كىشى، جەنۇبىي كورېيەدە 441 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.      



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر