دۇنيادا يۇقۇملانغانلار سانى 24 مىليوندىن ئاشتى

دۇنيادا ۋۇخەن ۋىرۇسى(Kovid-19) سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 823 مىڭ 790 دىن، يۇقۇملانغانلار سانى 24 مىليون 76 مىڭ 600 دىن ۋە سالامەتلىكى ياخشىلانغانلار سانى 16 مىليون 623 مىڭ 200 دىن ئاشتى.

1479393
دۇنيادا يۇقۇملانغانلار سانى 24 مىليوندىن ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 182 مىڭ 412 دىن ئارتۇق كىشى جېنىدىن ئايرىلغان، 5 مىليون 956 مىڭ 26 دىن ئارتۇق كىشى يۇقۇملانغان ۋابانىڭ مەركىزىگە ئايلانغان ئامېرىكادا، 2020-يىلى 19-ئاۋغۇست نورمال دەرس باشلىغان ئالاباما (Alabama) ئۇنىۋېرستېتىدا، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى ۋە بەزى ئۇنىۋېرستېت مەمۇرىي خادىملىرىدىن تەشكىل تاپقان 531 كىشىدە ۋىرۇس بايقالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

تۇتۇپ تۇرۇش مەركەزلىرىدە، ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان كۆچمەنلەرنىڭ يالغۇز كىشىلىك كامېرلاردا يېتەرلىك بولمىغان شارائىتلار ئاستىدا كۈنلەرچە ياشاشقا مەجبۇرلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئامېرىكا مىقياسىدىكى تۇتۇپ تۇرۇش مەركەزلىرىدە ئاۋغۇست ئېيىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەن كۆچمەنلەر سانىنىڭ بەشكە، ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلار سانىنىڭ تەخمىنەن 5 مىڭغا يېتىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى.

ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ ئەڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان ئىككىنچى دۆلەت بولغان بىرازىلىيەدە، يېقىنقى 24 سائەتتە 1 مىڭ 171 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ۋىرۇس سەۋەبىدىن جەمئىي جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 116 مىڭ 666 گە، يۇقۇملانغانلار سانى 3 مىليون 674 مىڭ 176 گە چىقتى.

مېكسىكادا يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 650 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ۋىرۇس سەۋەبىدىن جەمئىي جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 61 مىڭ 450 كە چىقتى. يۇقۇملانغانلار سانى 568 مىڭ 621 گە چىقتى.

ۋابانىڭ ياۋروپادىكى مەركىزىگە ئايلانغان ئەنگلىيەدە، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 41 مىڭ 449 غا، يۇقۇملانغانلار سانى بولسا، 327 مىڭ 798 گە چىقتى.

ئىسپانىيەدە يېقىنقى يەتتە كۈندە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 116 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى ۋە جەمئىي سان 28 مىڭ 924 كە چىقتى.

ئىسپانىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى يېقىنقى 24 سائەتتە 7 مىڭ 117 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقىنى، جەئىي يۇقۇملانغانلار سانىنىڭ 423 مىڭ 224 كە چىققانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئىسپانىيە باش مىنىستىرى پېدرو سانچېز (Pedro Sanchez) ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەرنىڭ ئېشىشى سەۋەبلىك ئارمىيەنى ۋىرۇسقا قارشى كۈرەشكە ياردەم قىلىشقا چاقىردى.

ئاۋستىرالىيەدە يەنە، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 24 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن، جەمئىي جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 549 غا چىقتى.

ئاسىيادا ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ ئەڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان ھىندىستاندا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 59 مىڭ 632 گە، يۇقۇملانغانلار سانى 3 مىليون 235 مىڭ 725 كە چىقتى.

رۇسىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 115 كىشى ئېشىپ 16 مىڭ 683 كە چىقتى. ئوخشاش ۋاقىتتا،يۇقۇملانغانلار سانى 4 مىڭ 676 كىشى ئېشىپ 970 مىڭ 865 كە چىقتى.

ئافرىقا قىتئەسىدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 283 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى ۋە جەمئىي سان 28 مىڭ 334 كە چىقتى. ئوخشاش ۋاقىتتا، 7 مىڭ 662 كىشىدە ۋىرۇس بايقالدى ۋە جەمئىي سان 1 مىليون 207 مىڭ 623 كە چىقتى. قىتئەدە، بۈگۈنگىچە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 13 مىڭ 308 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان جەنۇبىي ئافرىقا بىرىنچى ئورۇندا، 5 مىڭ 298 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان مىسىر ئىككىنچى ئورۇندا، 1 مىڭ 466 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان ئالجىرىيە ئۈچىنچى ئورۇندا تۇردى.

يېقىنقى 24 سائەتتە خىتايدا 15 كىشى، جەنۇبىي كورېيەدە 320 كىشى يۇقۇملاندى.

بەزى دۆلەتلەردىكى ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈم سانلىرى تۆۋەندىكىچە:

ئىتالىيە 35 مىڭ 445، فىرانسىيە 30 مىڭ 544، پېرۇ 28 مىڭ 1، كولومبىيە 17 مىڭ 889 ۋە چىلى 10 مىڭ 958.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر