پاكىستاندا پەسىللىك يامغۇر 90 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

پاكىستاننىڭ شەرقىي شىمالىدا پەسىللىك يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈن سەۋەبىدىن 90 كىشى قازا قىلدى.

1479022
پاكىستاندا پەسىللىك يامغۇر 90 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىددەتلىك يامغۇر پورت شەھىرى كاراچىغىمۇ ئېغىر زىيان يەتكۈزدى.

پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمران خان شەھەردىكى كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچرىغان رايونلاردا ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىشى ئۈچۈن ئەسكەر يوللىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 كاراچىدا يامغۇرنىڭ ئالدىمىزدىكى كۈنلەردىمۇ داۋاملىشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

پاكىستاننىڭ شەرقىي شىمالىدا 3 كۈن داۋاملاشقان يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈندە،  جەمئىي 90 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، تەخمىنەن 1000 ئۆي ئېغىر زىيانغا ئۇچرىدى.

جەنۇبىي ئاسىيادا، 6-ئايدىن 9-ئايغىچە بولغان مەزگىلدە ،كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىدىغان پەسىللىك يامغۇر، چوڭ كۆلەملىك تەبىئىي ئاپەت ۋە ھادىسىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر