كرىستچېرچ شەھىرىدىكى جامەلەرگە ھۇجۇم قىلغان قاتىل سوتلىنىشقا باشلىدى

يېڭى زېلاندىيەنىڭ كرىستچېرچ (Christchurch) شەھىرىدىكى ئىككى جامەگە قوراللىق ھۇجۇم قىلىپ 51 كىشىنى ئۆلتۈرگەن ۋە 49 كىشىنى يارىلاندۇرغان برېنتون تاررانت (Brenton Tarrant) نى سوتلاش باشلاندى.

1478139
كرىستچېرچ شەھىرىدىكى جامەلەرگە ھۇجۇم قىلغان قاتىل سوتلىنىشقا باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «رادىيو يېڭى زېلاندىيە» يېڭى زېلاندىيەنىڭ كرىستچېرچ شەھىرىدىكى ئىككى جامەگە قوراللىق ھۇجۇم قىلىپ 51 كىشىنى ئۆلتۈرگەن ۋە 49 كىشىنى يارىلاندۇرغان تېررورىست برېنتون تاررانتنىڭ سوتلىنىشقا باشلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، تېررورىست تاررانتقا بېرىلىدىغان جازا بېكىتىلىدىغان كرىستچېرچ ئالىي سوتىدا تۆت كۈن داۋاملىشىدىغانلىقى پەرەز قىلىنىۋاتقان سوتلاشنىڭ بىرىنچى كۈنى، قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئاستىدا باشلانغان.

سوتقا تېررورلۇق ھۇجۇمىدا جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلىلىرىدىن باشقا، ھۇجۇمدا يارىلانغانلارمۇ قاتناشتى. بۇ جەرياندا، سوت مەھكىمىسىگە تۇتىشىدىغان يوللاردا قاتناش توختىتىلدى. يول ئەتراپىدىكى ئۆيلەرنىڭ ئۆگزىلىرىگە ساقچىلار ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

كرىستچېرچ ئالىي سوتىنىڭ سوتچىسى كامېرون ماندېر (Cameron Mander) باشچىلىق قىلدىغان سوتقا، برېنتون تاررانت تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئاكلەند (Auckland) تۈرمىسىدە كامېرا ئارقىلىق قاتناشتۇرۇلىدۇ.

ئۆزىنى ئاقلاش تەلىپى 2020-يىلى 13-ئىيۇلدا كرىستچېرچ ئالىي سوتى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان تېررورىست تاررانت، ئۆزى ھەققىدىكى 51 قاتىللىق، 40 قېتىم ئادەم ئۆلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇش ۋە بىر قېتىملىق تېررورلۇق ھۇجۇمى قاتارلىق ئەيىبلەشلەرنى قوبۇل قىلغان ئىدى.

ئاقتەنلىكلەرنى «ھەممىدىن ئەلا» دەپ قارايدىغان ئاشقۇن ئوڭچى تېرروىستنىڭ تۆت كۈنلۈك سوتتىن كېيىن، ئۆمۈرۋايەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.

تاررانت 2019-يىلى 15-مارت كرىستچېرچ شەھىرىدىكى نۇر ۋە لىنۋۇد جامەسىگە جۈمە نامىزى ئوقۇلۇۋاتقان ۋاقىتتا ئاپتوماتىك قورال بىلەن ھۇجۇم قىلغان ئىدى. ھۇجۇمدا 51 كىشى جېنىدىن ئايرىلىپ، 49 كىشى يارىلانغان ئىدى.             



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر