دۇنيادا ۋابا سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 800 مىڭدىن ئاشتى

دۇنيا مىقياسىدا ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 813 مىڭ 227 دىن، يۇقۇملانغانلار سانى 23 مىليون 620 مىڭدىن ۋە سالامەتلىكى ياخشىلانغانلارنىڭ سانى 16 مىليون 115 مىڭدىن ئاشتى.

1478156
دۇنيادا ۋابا سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 800 مىڭدىن ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيادا ۋابانىڭ ئەڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان ئامېرىكادا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 180 مىڭ 618 گە چىقتى. يۇقۇملانغانلار سانى بولسا، 5 مىليون 875 مىڭغا چىقتى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ يېمەك-ئىچمەك ۋە دورا ئىدارىسىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى پلازما داۋالىشىغا ئالاھىدە ئەھۋال رۇخسىتى بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

لاتىن ئامېرىكا قىتئەسىدە ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ ئەڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان بىرازىلىيەدە، ۋىرۇس سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 114 مىڭ 772 گە، يۇقۇملانغانلار سانى 3 مىليون 605 كە چىقتى.

مېكسىكادا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 60 مىڭ 480 گە، يۇقۇملانغانلار 560 مىڭ 164 كە چىقتى.

ۋابانىڭ ياۋروپادىكى مەركىزىگە ئايلانغان ئەنگلىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 41 مىڭ 429 غا، يۇقۇملانغانلار 325 مىڭ 642 گە چىقتى.

ئاۋستىرالىيەنىڭ ۋىكتورىيا (Victoria) ئىشتاتىدا يەنە 15 كىشىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن دۆلەت مىقياسىدا جېنىدىن ئايرىلغانلار 517 گە چىقتى.

يېقىنقى 24 سائەتتىكى تەكشۈرۈشلەردە 116 كىشى يۇقۇملاندى. بۇنىڭ بىلەن جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 24 مىڭ 916 گە چىقتى.

بەزى دۆلەتلەردىكى ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈم سانلىرى تۆۋەندىكىچە:

ئىتالىيە 35 مىڭ 427، فىرانسىيە 30 مىڭ 513، ئىسپانىيە 28 مىڭ 838، پېرۇ 27 مىڭ 663، كولومبىيە 17 مىڭ 316 ۋە چىلى 10 مىڭ 852.

ئاسىيا قىتئەسىدە ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ كۆپ ۋەقە كۆرۈلگەن ھىندىستاندا، ۋىرۇس سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 57 مىڭ 715 كە، يۇقۇملانغانلار 3 مىليون 110 مىڭ 761 گە چىقتى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 16 مىڭ 448 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان رۇسىيەدە، 961 مىڭ 493 كىشى يۇقۇملاندى.

ئىراندا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 20 مىڭ 643 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، يۇقۇملانغانلار سانى 358 مىڭ 905 كە چىقتى.

ئىراقتا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 6 مىڭ 428 گە، يۇقۇملانغانلار 204 مىڭ 341 گە چىقتى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 4 مىڭ 634 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان خىتايدا، يېقىنقى 24 سائەتتە ۋىرۇسقا مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈم كۆرۈلمىدى، ئەمما يۇقۇملانغانلار سانى 16 كىشى كۆپىيىپ، جەمئىي سان 84 مىڭ 967 گە چىقتى.

جەنۇبىي كورېيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 309 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، يۇقۇملانغانلار سانى 266 كىشى كۆپىيىپ، جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 17 مىڭ 665 كە چىقتى.

ئافرىقا قىتئەسىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 182 كىشى كۆپىيىپ، جەمئىي سان 27 مىڭ 831 گە چىقتى. يۇقۇملانغانلار سانى 1 مىليون 192 مىڭدىن ئاشتى. بۈگۈنگىچە ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ كۆپ ئۆلۈم 13 مىڭ 59 بىلەن جەنۇبىي ئافرىقادا يۈز بەردى. 5 مىڭ 262 ئۆلۈم بىلەن مىسىر ئىككىنچى ئورۇندا، 1 مىڭ 435 ئۆلۈم بىلەن ئالجىرىيە ئۈچىنچى ئورۇندا تۇردى.

ماراكەشتە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 30 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن جەمئىي سان 888 گە چىقتى. ئوخشاش ۋاقىتتا، 537 كىشى يۇقۇملاندى ۋە جەمئىي سان 52 مىڭ 349 غا چىقتى.

تۇنىستا ئۈچ كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلىشى بىلەن، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 71 گە چىقتى. يۇقۇملانغانلار سانى 2 مىڭ 818 گە چىقتى.

ئىيوردانىيەدە 1 كىشىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلىشى بىلەن، جەمئىي سان 12 گە چىقتى. يېڭىدىن 33 كىشىنىڭ يۇقۇملىنىشى بىلەن جەمئىي سان 1 مىڭ 609 غا چىقتى.   


خەتكۈچ: #ۋابا , #يۇقۇم

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر