رۇسىيەدە زەھەرلەنگەن ئۆكتىچى رەھبەر ئالېكسېي ناۋالنىينىڭ ئەھۋالىنىڭ مۇقىم ئەمەسلىكى بىلدۈرۈلدى

رۇسىيەدە «زەھەرلىنىش» گۇمانى بىلەن بالنېستقا ئېلىنغان ئۆكتىچى رەھبەر ئالېكسېي ناۋالنىينىڭ ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى، ئەمما مۇقىم ئەمەسلىكى خەۋەر قىلىندى.

1476799
رۇسىيەدە زەھەرلەنگەن ئۆكتىچى رەھبەر ئالېكسېي ناۋالنىينىڭ ئەھۋالىنىڭ مۇقىم ئەمەسلىكى بىلدۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئومسك دوختۇرخانىسىنىڭ باش دوختۇرى ئالېكساندىر مۇراخوۋىسكىي مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، ناۋالنىينىڭ ھوشسىز ئىكەنلىكىنى ۋە ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

باشقا دوختۇرخانىغا يۆتكەش ئۈچۈن بېمارنىڭ تېخىمۇ مۇقىم بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن موروۋىسكىي، ناۋالنىينىڭ ئەھۋالىنىڭ مۇقىم ئەمەسلىكى تەرەپكە ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

مۇراخوۋىسكىي بېمارغا قويغىلى بولىدىغان 5 خىل دىئاگنوزنى تەتقىق قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇلارنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ھازىرچە ئېيتالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇراخوۋىسكىي تەكشۈرۈشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئالدىن دىئاگنوز قويۇش ۋە ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن يەنە ئىككى كۈن ۋاقىت كېتىدۇ» دېدى.

ناۋالنىينىڭ ئاخبارات باياناتچىسى كىرا يارمىش دوختۇرلارنىڭ ناۋالنىينى باشقا دوختۇرخانىغا يۆتكەشكە سەلىبىي قاراشتا ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

رۇسىيە تاراتقۇلىرىدا يەنە، گېرمانىيەدىن كەلگەن جىددىي قۇتقۇزۇش ئايروپىلانىنىڭ ناۋالنىينى يۆتكەش ئۈچۈن ئومسكقا قونغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

تۈنۈگۈن (2020-يىلى 20-ئاۋغۇست) تومسك شەھىرىدىن موسكۋاغا بېرىش ئۈچۈن ئايروپىلانغا ئولتۇرغان ناۋالنىي ئۇچۇش جەريانىدا ئەھۋالى ناچارلاشقانلىقى يۈزىسىدىن ئومسك شەھىرىگە قونغان ئىدى.

رۇسىيەدە «زەھەرلىنىش» گۇمانى بىلەن بالنېستقا ئېلىنغان ئالېكسېي ناۋالنىينىڭ چېيىغا ئارىلاشتۇرۇلغان بىر ماددا بىلەن زەھەرلەنگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر