جون بايدىن دېموكراتلارنىڭ پىرېزىدېنت نامزاتلىقىنى قوبۇل قىلدى

ئامېرىكادا دېموكراتلارنىڭ ئىنتېرنېتتا ئۆتكۈزۈلگەن قۇرۇلتىيىدا جو بايدىن پارتىيەنىڭ رەسمىي پىرېزىدېنت نامزاتى بولدى.

1476781
جون بايدىن دېموكراتلارنىڭ پىرېزىدېنت نامزاتلىقىنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 2020-يىلى 3-نويابىردا ئۆتكۈزۈلىدىغان 59-نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتلىق سايلاملىرىدىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن دېموكرات پارتىيەنىڭ تۆت كۈنلۈك قۇرۇلتىيىدا، جو بايدىننىڭ پىرېزىدېنتلىق كاندىداتلىقى رەسمىي قوبۇل قىلىندى.

جو بايدىن يۇرتى دېلاۋېيرا (Delaware) دا مۇخبىرلار بولغان چېيس سېنتىردا ئىنتېرنېت ئارقىلىق قۇرۇلتايغا قاتناشتى. ئۇ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش ئۈچۈن بارلىق دېموكراتلار بىلەن بىرلىكتە كۈچىنىڭ بېرىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلدى.

77 ياشلىق جو بايدىن دېموكرات پارتىيەنىڭ پىرېزىدېنت نامزاتلىقىنى رەسمىي قوبۇل قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.

جۇمھۇرىيەتچى پارتىيەمۇ ۋۇخەن ۋىرۇسى (kovid-19) سەۋەبىدىن ئىنتېرنېتتا ئۆتكۈزۈلگەن قۇرۇلتاينىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى بولغان27-ئاۋغۇست پىرېزىدېنت ترامپنىڭ رەسمىي نامزاتلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر