ئامېرىكا رۇسىيەنىڭ ۋاكسىنىسى توغرىسىدا بايانات بەردى

ئامېرىكا سەھىيە مىنىستىرى ئالېكس ئازار، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ، رۇسىيەنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) ۋاكسىنىسىنى تىزىمغا ئالدۇرغانلىقى توغرىسىدىكى باياناتى ھەققىدە توختالدى.

1471591
ئامېرىكا رۇسىيەنىڭ ۋاكسىنىسى توغرىسىدا بايانات بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا سەھىيە مىنىستىرى ئالېكس ئازار، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ، رۇسىيەنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) ۋاكسىنىسىنى تىزىمغا ئالدۇرغانلىقى توغرىسىدىكى باياناتى ھەققىدە توختىلىپ، «مۇھىمى ۋاكسىنا ئىشلەپچىقارغان تۇنجى تەرەپ بولۇش ئەمەس. مۇھىمى بۇ ۋاكسىنىنىڭ ئامېرىكا ۋە دۇنيا خەلقى ئۈچۈن ئىشەنچلىك ۋە ئۈنۈملۈك بولۇشىدۇر» دېدى.

ئازار، «ABC» قانىلىنىڭ نەق مەيدان سۆھبەت پىروگراممىسىغا قاتنىشىپ، پۇتىننىڭ كوۋىد – 19 ۋاكسىنىسى توغرىسىدىكى سۆزلىرى ھەققىدە توختالدى؛ ئۇ، ۋاكسىنىنىڭ ئۈچ باسقۇچلۇق كىلىنىكىلىق سىناقتىن ئۇتۇقلۇق ئۆتكەنلىكىگە دائىر ئوچۇق – ئاشكارا سانلىق مەلۇماتلارغا ئېھتىياج بارلىقىغا ئىشارەت قىلىپ، «مۇھىمى ۋاكسىنا ئىشلەپچىقارغان تۇنجى تەرەپ بولۇش ئەمەس. مۇھىمى بۇ ۋاكسىنىنىڭ ئامېرىكا ۋە دۇنيا خەلقى ئۈچۈن ئىشەنچلىك ۋە ئۈنۈملۈك بولۇشىدۇر» دېدى.

مىنىستىر ئازار، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ مۇشۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ئونلارچە مىليون ۋاكسىنىغا ئىگە بولۇش يولىدا ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى ۋە نامزات ۋاكسىنىلارنىڭ ئۈچ باسقۇچلۇق سىناقتىن ئۆتكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

پۇتىن تېلېۋىزىيە يىغىنىدا سۆز قىلىپ، دۆلىتىنىڭ كوۋىد – 19 ۋاكسىنىسى خىزمەتلىرىگە ئىشارەت قىلغاندىن كېيىن، «بىلىشىمچە، دۇنيادا تۇنجى قېتىم كورونا ۋىرۇسى ۋاكسىنىسى تىزىمغا ئېلىندى. ۋاكسىنا كۈچلۈك ئىممۇنىتېت سىستېمىسى شەكىللەندۈرىدۇ ۋە ئۇ زۆرۈر بولغان بارلىق تەكشۈرۈشلەردىن ئۆتتى» دېگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر