ترامپ: رۇسىيە، خىتاي ۋە ئىران مېنىڭ سايلامدا غەلىبە قىلىشىمنى خالىمايدۇ

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، نيۇ جېرسېي ئىشتاتىدىكى بېدمىنىستىردا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەر توغرىسىدا توختالدى.

1469296
ترامپ: رۇسىيە، خىتاي ۋە ئىران مېنىڭ سايلامدا غەلىبە قىلىشىمنى خالىمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ترامپ، رۇسىيە، ئىران ۋە خىتاينىڭ ئامېرىكا سايلاملىرىغا مۇداخىلە قىلىشقا ئۇرۇنغانلىقى توغرىسىدىكى قاراشلار ئۈستىدە توختىلىپ، «مېنىڭچە، مەن رۇسىيەنىڭ ئوۋال ئوفىستا كۆرۈشنى خالايدىغان ئەڭ ئاخىرقى كىشىمەن، چۈنكى ھېچكىم رۇسىيەگە قارىتا مېنىڭدەك قاتتىق قول بولمىغانىدى» دېدى.

ئۇ، ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىغىنىدىن بۇيان رۇسىيە ۋە خىتايغا قارشى بىر قاتار قەدەملەرنىڭ تاشلانغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ، «خىتايمۇ ترامپنىڭ سايلامدا ئۇيقۇچى جو بايدىنغا يېڭىلىپ قالغانلىقىنى كۆرسە، ناھايىتى سۆيۈنىدۇ. بايدىن پىرېزىدېنتلىققا سايلانغان بولسا ئىدى، خىتاي بىزنىڭ دۆلىتىمىزگە ئىگە بولاتتى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئىراننىڭمۇ ئۆزىنىڭ پىرېزىدېنت بولۇشىنى خالىمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ترامپ، «قايتىدىن پىرېزىدېنتلىققا سايلانسام، ئىران ۋە شىمالىي كورېيە بىلەن تېز كېلىشىملەرنى تۈزىمەن» دېدى.

ترامپ، مەزكۇر ئۈچ دۆلەتنىڭ سايلاملارغا مۇداخىلە قىلىشقا ئۇرۇنغانلىقى توغرىسىدىكى قاراشلارغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر