ھەسەن نەسرۇللاھ بېيرۇتتىكى پارتلاش توغرىسىدا تېلېۋىزىيە نۇتۇقى سۆزلىدى

لىۋان ھىزبۇللاھى باش كاتىپى ھەسەن نەسرۇللاھ، بېيرۇت پورتىدا ئۆزلىرىنىڭ قورال ئامبارلىرىنىڭ يوقلۇقىنى، تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە بۇ ھەقىقەتنىڭ ئوتتىرىغا چىقىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1469284
ھەسەن نەسرۇللاھ بېيرۇتتىكى پارتلاش توغرىسىدا تېلېۋىزىيە نۇتۇقى سۆزلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھەسەن نەسرۇللاھ قوللىغۇچىلىرىغا قارىتا تېلېۋىزىيە نۇتۇقى سۆزلەپ، سەيشەنبە كۈنى بېيرۇت پورتىدا يۈز بەرگەن شىددەتلىك پارتلاش ھەققىدىكى ئۆزلىرىگە قارىتىلغان ئەيىبلەشلەرگە جاۋاب بەردى.

بەزىلەرنىڭ ھىزبۇللاھنى بېيرۇت پورتىدىكى پارتلاشنىڭ جاۋابكارى دەپ كۆرسەتكەنلىكىنى ۋە بۇنىڭغا دەلىل قىلىپ پورتنىڭ تەشكىلاتنىڭ كونتروللۇقىدا ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنى تىلغا ئالغان نەسرۇللاھ، «بۇ بىر يالغان، بېيرۇت پورتىنى بىز كونترول قىلمايمىز، ئۇيەردە نېمە بارلىقىنى بىلمەيمىز» دېدى.

مەھەللىي ۋە ئەرەب تاراتقۇلىرى  بىلەن بىر قىسىم سىياسىي كۈچلەرنىڭ پەرەزلەرگە تايىنىپ ھۆكۈم چىقارغانلىقىنى بىلدۈرگەن نەسرۇللاھ، «بۇلار بېيرۇت پورتىدا يۈز بەرگەن پارتلاشنىڭ ھىزبۇللاھنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى ياكى قورال-ياراغ ئىسكىلاتىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. دائىرىلەر پورتتا قورال يوقلۇقىنى ۋە پارتلاتقۇچ ماددىنىڭ ئاممونىي نىترات ئىكەنلىكىنى جاكارلىشىدىن كېيىن بولسا، مەزكۇر ماددىلارنىڭ بىزگە تەۋە ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، ئەيىبلەشلىرىنى داۋاملاشتۇردى» دېدى.

نەسرۇللاھ، بۇ ۋەقەنىڭ ئادىل ۋە ئوچۇق – ئاشكارا تەكشۈرۈلۈشىنى تەلەپ قىلىپ، «ئەگەر لىۋان دۆلىتى بۇ مەسىلىدە نەتىجىگە ئېرىشەلمىسە، بىز چوقۇم سىياسىي باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىن ئۈمىد ئۈزۈشىمىز كېرەك» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

نەسرۇللاھ مەزكۇر پارتلاشنىڭ «ئۆزلۈكىدىن يۈز بەرگەن بىر ئوت ئاپىتى ياكى بىر بۇزغۇنچىلىق نەتىجىسىدە» مەيدانغا كەلگەنلىكى ئېھتىماللىقىنىڭ نەزەردە تۇتۇلۇشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

8-ئاينىڭ 4- كۈنى بېيرۇت پورتىدىكى پارتلاتقۇچ دورا قويۇلغان 12-نومۇرلۇق ئىسكىلاتتا دەسلىپىدە ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن، ئارقىدىن ناھايىتى كۈچلۈك پارتلاش يۈز بېرىپ، پۈتۈن بېيرۇتنى زىلزىلىگە كەلتۈرگەنىدى. پارتلاشتا 154 ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى، تەخمىنەن 5 مىڭ ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.

لىۋان پىرېزىدېنتى مىشەل ئەۋن، بۇ قېتىملىق پارتلاشنى 6 يىلدىن بۇيان بېيرۇت پورتىدا ساقلىنىۋاتقان  2750 توننا ئېغىرلىقىدىكى ئاممونىي نىتراتنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئېيتقان، پارتلاش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە 2750 توننا ئاممونىي نىتراتنىڭ نېمە ئۈچۈن 6 يىل بويىچە پورتتا ساقلانغانلىقى ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ قىزىقىشىنى قوزغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر