تېرورلۇق تەشكىلاتى دەيرىزوردا قانچە ئونلىغان پۇقرانى تۇتۇپ كەتتى
بۆلگۈنچى تېرورلۇق تەشكىلاتى YPG / PKK سۈرىيەنىڭ شەرقىدىكى دەيرىزور ۋىلايىتىگە قاراشلىق كەڭ كۆلەملىك نامايىشلار يۈز بەرگەن يېزا ۋە بازارلارنى قورشاپ، نەچچە ئون ئادەمنى تۇتۇپ كەتتى ۋە 2 كىشىنى ئۆلتۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەرلىك مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرىشىچە، بۆلگۈنچى تېرورلۇق تەشكىلاتى YPG / PKK دەيرىزور ۋىلايىتىدە، يەكشەنبە كۈنى رايوننىڭ نوپۇزلۇق ئەرەب قەبىلە رەھبىرىگە سۈيقەست قىلغاندىن كېيىن، باشلانغان ۋە ئۇزۇن ئۆتمەي كەڭ - كۆلەملىك نامايىشقا ئايلانغان ۋەقەلەرنى باستۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەن.
تېررورلۇق تەشكىلاتى سۇيقەستىنى ئىشقا ئاشۇرغان ئەل-ھاۋايىچ كەنتىدىن باشقا يەنە، شۇھەيىل ۋە زەيبان رايونىغىمۇ نۇرغۇنلىغان تېررورچىلارنى ئەۋەتكەن.
تېرورلۇق تەشكىلاتى بۇ ئولتۇراق رايونلارنىڭ كىرىش-چىقىش ئېغىزلىرىغا تەكشۈرۈش پونكىتى قۇرۇپ رايۇننى قورشاۋغا ئالغان.
بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ھاۋايىچ ۋە شۇھەيلدە كۆچىغا چىقىشنى مەنئىي قىلغان ھەمدە قىلغان ھۇجۇملىرىدا نەچچە ئون كىشىنى تۇتۇپ كېتىپ، يېقىنقى 2 كۈن ئىچىدە، بىرسى ئايال بولۇپ، جەمئىي 2 پۇقرانى ئۆلتۈرگەن.
بۆلگۈنچى تېرورلۇق تەشكىلاتى YPG / PKK نى قوللاۋاتقان ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە ئارمىيەگە تەۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ رايوندا ئۇچۇش ئېلىپ بارغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.