پاكىستان جاممۇ كەشمىرنى ئۆز ئچىگە ئالغان يېڭى بىر خەرىتىنى ئېلان قىلدى

پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمران خان، جاممۇ كەشمىرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېڭى بىر خەرىتىنى ئېلان قىلدى.

1467462
پاكىستان جاممۇ كەشمىرنى ئۆز ئچىگە ئالغان يېڭى بىر خەرىتىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، ئىمران خان، جاممۇ كەشمىر رايونىنىڭ ئاپتونومىيەلىك سالاھىيىتىنىڭ بىكار قىلىنغىنىغا بىر يىل توشۇشقا بىر كۈن قالغاندا مەزكۇر خەرىتىنى ئېلان قىلىپ رايوننى پاكىستان زېمىنى دەپ كۆرسەتكەن.

ئىمران خان تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان خەرىتىدە رايون «قانۇنسىز ھالدا ئىشغال قىلىنىۋېلىنغان جاممۇ كەشمىر» دەپ ئاتالدى.

مەزكۇر يېڭى خەرىتىنىڭ پاكىستان ئىچكى كابىنىتى، ئۆكتىچى پارتىيەلەر ۋە كەشمىر رەھبەرلىرىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئىمران خان، بۇنىڭ دۆلەتكە نىسبەتەن تارىخىي بىر كۈن ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ، جاممۇ كەشمىر رايونىنىڭ پاكىستاننىڭ بىر پارچىسى بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، بۇ خەرىتىنىڭ بۇ يولنىڭ تۇنجى قەدىمى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ھىندىستان 2019 – يىلى 5 – ئاۋغۇستتا ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ئارقىلىق جاممۇ كەشمىر رايونىنىڭ ئاپتونومىيەلىك سالاھىيىتىنى بىكار قىلىپ، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنى تارقىتىۋېتىپ، رايوننى مەركەزگە قاراشلىق ئىككى ئايرىم رايونغا ئايرىۋەتكەنىدى.

قاراردىن كېيىن ھىندىستان خەۋپسىزلىك كۈچلىرى جاممۇ كەشمىر رايونىدا ئامانلىقنى ساقلاش خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىپ، خەلقنىڭ ئۈستىدىكى بېسىمنى ئېغىرلاشتۇرغان، كوچىغا چىقىش چەكلىمىسى بىلەن بىرلىكتە ئىنتېرنېت، تېلېفون ۋە قاتناش چەكلىمىلىرىنى يولغا قويغان، رايوندىكى يەرلىك پارتىيەلەرنىڭ رەھبەرلىرى ۋە ئەزالىرىنى نازارەت ئاستىغا ئالغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر