گۇتېررېس كوۋىد-19 نىڭ ئەۋلادلارغا يۆنىلىشلىك ئاپەت بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس (Kovid-19) يۇقۇمى سەۋەبىدىن دۇنيانىڭ «ئەۋلادلارغا يۆنىلىشلىك ئاپەت» كە دۇچ كېلىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى.

1467427
گۇتېررېس كوۋىد-19 نىڭ ئەۋلادلارغا يۆنىلىشلىك ئاپەت بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش كاتىپ گۇتېررېس تۋىتتېردا ئېلان قىلغان سىنلىق ئۇچۇرىدا، كوۋىد -19 يۇقۇمىنىڭ مائارىپ تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ كېسىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى تەكىتلەپ، 160 تىن ئارتۇق دۆلەتتە بىر مىلياردتىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنىڭ ۋىرۇس سەۋەبىدىن مەكتەپكە بارالمىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئانتونىيو گۇتېررېس دۇنيا مىقياسىدا كەم دېگەندە 40 مىليون ئوقۇغۇچىنىڭ يەسلى مائارىپىدىن مەھرۇم قالغانلىقىنى تەكىتلەپ، «دۇنيا سانسىزلىغان ئىنسانلارنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى ئىسراپ قىلىدىغان، نەچچە ئون يىللىق تەرەققىياتقا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ۋە باراۋەرسىزلىكنى ئاشۇرۇۋېتىدىغان ئەۋلادلارغا يۆنىلىشلىك ئاپەتكە دۇچ كەلمەكتە» دېدى.

گۇتېررېس كوۋىد -19 يۇقۇمىدىن ئىلگىرى 250 مىليون بالىنىڭ مەكتەپكە بارالمىغانلىقىنى ۋە دۇنيانىڭ ھازىر «مائارىپ كرىزىسى» نى باشتىن كەچۈرىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

گۇتېررېس: «بىز دۇنيادىكى بالىلار ۋە ياشلار ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ نۇقتىدا تۇرۇۋاتىمىز، ھازىر ھۆكۈمەتلەرنىڭ ۋە شېرىكلىرىمىزنىڭ چىقارغان قارارلىرى يۈز مىليونلىغان ياشلارنىڭ تۇرمۇشىغا ئۇزۇن مۇددەتلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ» دېگەن قارىشىنى ھەمبەھىرلىدى.

ب د ت باش كاتىپى گۇتېررېس يەنە، ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىنى يەرلىك سەۋىيەدە توختىتىپ قالغان رايونلاردا مەكتەپلەرنىڭ ئېچىۋېتىشى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەڭ بىخەتەر ئۇسۇلدا مەكتىپىگە قايتىىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر