ئېفىيوپىيە، مىسىر ۋە سۇدان ئوتتۇرىسىدىكى توسما كىرىزىسى قايتىدىن مۇزاكىرە قىلىنماقتا

ئېفىيوپىيە، مىسىر ۋە سۇدان مىنىستىرلىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن ئافرىقا بىرلەشمىسى ۋە جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ نازارىتى ئاستىدا ھەداسى توسمىسىنىڭ تولدۇرۇلىشى ۋە ئىشلىتىلىشىگە ئالاقىدار مۇزاكىرىلەر قايتىدىن باشلاندى.

1466604
ئېفىيوپىيە، مىسىر ۋە سۇدان ئوتتۇرىسىدىكى توسما كىرىزىسى قايتىدىن مۇزاكىرە قىلىنماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۇدان رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى (SUNA) نىڭ خەۋىرىگە ئاسالانغاندا، سۇدان سۇغۇرۇش ۋە سۇ ئىشلىرى مىنىستىرى پروفېسسور ياسىر ئابباس يىغىندىكى ئېچىلىش نۇتقىدا، ئۈچ دۆلەت ئۆزئارا كېلىشمەي تۇرۇپ، قىلىنغان بىر تەرەپلىمە ھەرىكەتنىڭ كۆك نىل دەرياسى قىرغاقلىرىغا مۇھىت ۋە ئىجتىمائىي نۇقتىدىن سەلەبىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئابباس دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىمنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەپ، «تەرەپلەر سۆھبەتنى تېخنىكا ۋە قانۇن نۇقتىسىدىن مۇتەخەسسىسلەر سەۋىيەسىدە داۋاملاشتۇرۇشقا قوشۇلدى. نۆۋەتتىكى مۇزاكىرە بۇ جەريانغا نىسبەتەن ھەل قىلغۇچ رول ئوينىشى لازىم» دېدى.

يىغىندا، ئۈچ دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇزاكىرىلەرنىڭ 2020 - يىلى 6 - ئاۋغۇست پەيشەنبە كۈنى مىنىستىرلار سەۋىيەسىدە داۋاملىشىشى قارار قىلىندى.

ئېفىيوپىيە نىل دەرياسىنىڭ ئاساسلىق ئېقىنىغا سېلىۋاتقان شۇنداقلا مىسىر ۋە سۇدان بىلەن كرىزىس يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولغان ھەداسى توسمىسىنى تولدۇرۇش ۋە ئىشلىتىشقا دائىر تورمۇزلىنىپ قالغان مۇزاكىرە جەريانىدا، تەرەپلەر مۇزاكىرىنى داۋاملاشتۇرۇش قارارى ئالغان ئىدى.

ئېفىيوپىيە ئېلېكتىر ئېھتىياجىنىڭ 90% كە يېقىنىنى سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى ئارقىلىق قامدايدىغان بولۇپ، ئافرىقا بويىچە ئەڭ چوڭ توسما ھېسابلىنىدىغان ھەداسى توسمىسى ئارقىلىق ئېنېرگىيەدىكى بوشلۇقىنى تولدۇرۇشنى مەقسەت قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر