چادتا بوكو ھارامنىڭ ھۇجۇمى نۇرغۇن كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

چادنىڭ غەربىدىكى چاد كۆلى ۋادىسىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارامنىڭ ھۇجۇمىدا 10 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

1465421
چادتا بوكو ھارامنىڭ ھۇجۇمى نۇرغۇن كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ھەربىي ئەمەلدارنى مەنبە كۆرسىتىپ خەۋەر قىلىشىچە، تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارامنىڭ چاد كۆلى ۋادىسىدىكى بىر يېزىغا قىلغان قوراللىق ھۇجۇمىدا، ئىككى ئايال بىلەن قوشۇلۇپ 10 كىشى يارىلانغان، 7 كىشى قاچۇرۇلغان، بوكو ھارام ئەزالىرى يېزىغا ئوت قويۇپ بەرگەندىن كېيىن، يېزا ئاھالىسىنىڭ يېمەك – ئىچمەكلىرىنى بۇلاپ كەتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر