رۇسىيەدە 10 مىڭ يىللىق كەركىدان ئىسكىلىتى تېپىلدى

شىمالىي سىبىرىيەدىكى بىر كۆلدە تۈكلۈك كەركىدان ئىسكىلىتى تېپىلدى.

1464269
رۇسىيەدە 10 مىڭ يىللىق كەركىدان ئىسكىلىتى تېپىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تەتقىقاتچىلار، رۇسىيەنىڭ شىمالىدىكى يامالو – يېنېتس رايونىدىكى پېچېۋالاۋاتو كۆلىنىڭ قىرغىقىغا يېقىن يەردە 23 – ئىيۇلدا پادىچىلار تەرىپىدىن بايقالغان ئىسكىلىتنى تولۇق شەكىلدە قىرغاققا ئېلىپ چىقىش خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

كەم دېگەندە 10 مىڭ يىل ئىلگىرى ياشىغانلىقى تەخمىن قىلىنىۋاتقان كەركىداننىڭ باش سۆڭىكى، ياناق قىسىمى، بىر قانچە قوۋۇرغا سۆڭىكى ۋە تىرناقلىرىنىڭ تېپىلغانلىقى ۋە بۇ سۆڭەكلەرنىڭ ھەممىسىنى ناھايىتى ياخشى ساقلىنىپ قالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئاركتىكا ئىلمىي تەتقىقاتلار مەركىزى دىرېكتورى دىمىترىي فىرولوۋ، كەركىداننىڭ قالغان سۆڭەكلىرىنى ئىزدەۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، «كەركىداننىڭ ئېنىق شەكىلدە قايسى يىللاردا ياشىغانلىقىنى ياكى قانچە يېشىدا ئۆلگەنلىكىنى بىلمىسەكمۇ، ئۇنىڭ قالدۇقلىرى كەم دېگەندىمۇ 10 مىڭ ياشتا» دېدى.

بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ رۇسىيەنىڭ ئوخشاش بولمىغان رايونلىرىدا نۇرغۇنلىغان توڭلاپ قالغان ھايۋان ئىسكىلىتلىرى تېپىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر