لۇكاشېنكو: نوپۇسنىڭ %97 ى يۇقۇملاندى ۋە يۇقۇمنى كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمەستىن يەڭدى

دۇنيا مىقياسىدا ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى 660 مىڭدىن، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 16 مىليون 811 مىڭدىن، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر سانى 10 مىليون 350 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى.

1463526
لۇكاشېنكو: نوپۇسنىڭ %97 ى يۇقۇملاندى ۋە يۇقۇمنى كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمەستىن يەڭدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بېلارۇسىيە پىرېزىدېنتى ئالېكساندېر لۇكاشېنكو، كوۋىد – 19 دىن يۇقۇملانغانلىقنى ۋە كېسەللىكنى ئالامەتلىرى كۆرۈلمەستىن يەڭگەنلىكىنى بىلدۈدى. دۆلىتىدە نوپۇسنىڭ %97 ىنىڭ بۇ ۋىرۇسقا كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلمەستىن دۇچار بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن لۇكاشېنكو، «تەڭرىگە شۇكۇر، مەنمۇ بۇ كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن تۈركۈمگە كىردىم» دېدى.

بېلارۇسىيە سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 5 يۇقۇملانغۇچى قازا قىلغان، جەمئىي قازا قىلغانلار سانى 543 كە يەتكەن، يېڭىدىن يۇقۇم بايقالغان 115 ئادەمنى قوشقاندا جەمئىي يۇقۇملانغۇچىلار سانى 67366 گە كۆپەيگەن.

ئىسرائىلىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 12 يۇقۇملانغۇچىنىڭ قازا قىلغانلىقى، يېڭىن 3165 كىشىدە يۇقۇم بايقالغانلىقى بىلدۈرۈلدى؛ شۇنىڭ بىلەن يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى 486 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 65791 گە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر