لىۋىيەدىكى ئازاد قىلىنغان رايوندا كۆيدۈرۈۋېتىلگەن بىر كىشىنىڭ جەسىتى تېپىلدى

لىۋىيە ھۆكۈمىتى قارمىقىدىكى غايىب بولۇپ كەتكەنلەرنى ئىزدەش، ئېنىقلاش ئورگىنى، دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى قانۇنسىز قوراللىق كۈچلەرنىڭ لىدىرى خەلىفە ھافتەردىن قۇتقۇزۇلغان پايتەخت ترابلۇسنىڭ جەنۇبىدىكى رايوندىن بىر كىشىنىڭ كۆيدۈرۈۋېتىلگەن جەسىتىنى تاپتى.

1463184
لىۋىيەدىكى ئازاد قىلىنغان رايوندا كۆيدۈرۈۋېتىلگەن بىر كىشىنىڭ جەسىتى تېپىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋىيە ھۆكۈمىتىنىڭ غەزەپ ۋولقىنى ھەربىي ھەرىكىتى مەتبۇئات ئىشلىرى ئىشخانىسى بايانات بېرىپ، ئەين زارا رايونىدىكى بىر تېرىقچىلىق مەيدانىدا كۆيۈپ كۆمۈرگە ئايلىنىپ كەتكەن كىملىكى نامەلۇم بىر كىشىنىڭ جەسىتىنىڭ تېپىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

جەسەتنىڭ رايوندىكى بىر پۇقرانىڭ مەلۇم قىلىش ئۇچۇرى سايىسىدا تېپىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا، باشقا ھېچقانداق تەپسىلاتقا ئورۇن بېرىلمىدى.

لىۋىيە ئارمىيەسىنىڭ 25 – مارتتا باشلىغان «تىنچلىق بورىنى» ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدە، 3 – ئىيۇندا پايتەخت ترابلۇسنىڭ بارلىق مەمۇرىي چېگرالىرى، 5 – ئىيۇندا تەرھۇنە شەھىرى كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىنغانىدى.

دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى قانۇنسىز كۈچلەرنىڭ رەھبىرى خەلىفە ھەفتەر كۈچلىرىنىڭ پايتەخت ترابلۇسقا قارىتا ئۇدا 14 ئاي داۋاملاشقان ھۇجۇملىرىدا ھەربىي ھەرىكەت ۋە ئارقا سەپ مەركىزى سۈپىتىدە ئىشلەتكەن تەرھۇنەنىڭ ئازاد قىلىنىشىدىن كېيىن، لىۋىيە دائىرىلىرى، بۇ شەھەردە ۋە ئەتراپىدا 11 ئاممىۋى مازارنىڭ تېپىلغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.


خەتكۈچ: #جەسەت , #لىۋىيە

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر