ئىراقتىكى ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشتا ساقچىلار 2 نامايىشچىنى ئۆلتۈردى

ئىراقنىڭ پايتەختى باغداتتا ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش تۈنۈگۈن كەچتە قايتىدىن ئەۋج ئالدى، بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ ئاتقان ئوقىدا 2 كىشى قازا قىلدى.

1462381
ئىراقتىكى ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشتا ساقچىلار 2 نامايىشچىنى ئۆلتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەرلىك مەنبەلەردىن ۋە شاھىتلاردىن ئىگىلەنگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، باغداتنىڭ مەركىزىدىكى تاھىر مەيدانىدا قايتىدىن باشلانغان نامايىش جەريانىدا بىخەتەرلىك قىسىملىرى نامايىشچىلارغا قارشى ھەقىقىي ئوق ئىشلەتكەن، 2 نامايىشچىنى ئۆلتۈرۈپ، ئونلىغان نامايىشچىنى يارىدار قىلغان.

بەزى نامايىشچىلار نەق مەيداندىن تارقىتىش بېرىپ، ئۆلگەن ۋە يارىلانغان نامايىشچىلارنى يېقىن ئەتراپتىكى دوختۇرخانىلارغا يەتكۈزمەكچى بولغان قۇتقۇزۇش ماشىنىلىرىنىڭ مەيدانغا كېرىشىگە بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىراقلىق ئاممىۋى پائالىيەتچىلەر ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق باش مىنىستىر مۇستاپا ئەلكازىمىنى بۇ ۋەقەگە جىددى مۇداخىلە قىلىشقا چاقىردى.

ھۆكۈمەتتىن تەرەپتىن ۋەقەگە دائىر ھازىرغىچە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلىنمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر