ئاياسوفيا جامەسىنىڭ ئىبادەتكە ئېچىلىشى ياپونىيە، قاتار، قازاقىستان ۋە پاكىستان تاراتقۇلىرىدا...

ئاياسوفيائى كەبىر جامىئى شەرىفتە ئارىدىن 86 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئادا قىلىنغان تۇنجى جۈمە نامىزى دۇنيا تاراتقۇلىرىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتتى.

1461706
ئاياسوفيا جامەسىنىڭ ئىبادەتكە ئېچىلىشى ياپونىيە، قاتار، قازاقىستان ۋە پاكىستان تاراتقۇلىرىدا...
CUMHURBASKANİ AYASOFYA7.jpg
CUMHURBASKANİ AYASOFYA6.jpg
CUMHURBASKANİ AYASOFYA4.jpg
CUMHURBASKANİ AYASOFYA1.jpg
5ayasofya ibadete acilma.jpg
erdogan-cavusoglu ayasofya.jpg
6ayasofya ibadete acilma.jpg
8ayasofya ibadete acilma.jpg
10ayasofya ibadete acilma.jpg
11ayasofya ibadete acilma.jpg
12ayasofya ibadete acilma.jpg
15ayasofya ibadete acilma.jpg
japon basini ayasofya.jpg
ayasofya.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە تاراتقۇلىرى خەۋەرلىرىدە، ئاياسوفيائى كەبىر جامىئى شەرىفنىڭ ئارىدىن 86 – يىل ئۆتكەندىن كېيىن جامەگە ئايلاندۇرۇلۇشى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە سىياسىي رەھبەرلەرنىڭ تۇنجى جۈمە نامىزىغا ئىشتىراك قىلىشى ۋە ئاياسوفيانى جامەگە ئايلاندۇرۇش جەريانىدىكى ئىچكى ئۆزگەرتىشلەرگە دائىر ئۇچۇرلارغا ئورۇن بەردى.

«ئاساھى شىمبۇن» گېزىتى، «جامەگە ئايلاندۇرۇلغاندىن كېيىن ئاياسوفيادا تۇنجى جۈمە نامىزى ئادا قىلىندى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، ئىبادەت ۋاقتىدىن ئىككى سائەت بۇرۇن ناماز ئۆتەيدىغانلارنىڭ بارلىق يوللارنى توشقۇزۇۋەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىۋاتقان چېغىدىكى فوتو – سۈرىتىگە ئورۇن بېرىلگەن خەۋەردە، «ناماز ۋاقتىدا يۆگىۋېتىلىدىغان خىرىستىيان دىنى مۇتىفلىرى كېيىن ئېچىۋېتىلىدۇ ۋە بارلىق زىيارەتچىلەر ئاياسوفيانى ھەقسىز ئېكسكۇرسىيە قىلالايدۇ» دېگەن ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

«يومىئۇرى شىمبۇن» گېزىتى بولسا، ئاياسوفيانىڭ ۋىزانتىيە ئىمپېرىيەسى دەۋرىدىن باشلانغان تارىخىدىن تارتىپ ئىستانبۇلنىڭ پەتھى قىلىنىشى بىلەن ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتكەنلىكىگە دائىر ئۇچۇرلارغا ئورۇن بەردى، جامە ۋە مەيدانلىرىدىكى تۇنجى جۈمە نامىزىنى ئۆتەشكە كەلگەنلەرنىڭ  فوتو – سۈرەتلىرىگە ئورۇن بەردى.

«توكيو شىمبۇن» گېزىتى، «ئاياسوفيادا تۇنجى جۈمە نامىزى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، ئىستانبۇلدىكى دۇنيا يادىكارلىقىنىڭ ئارىدىن 86 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئەردوغاننىڭ قارارىغا ئاساسەن جامەگە ئايلاندۇرۇلغانلىقىنى يازدى. خەۋەردە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ۋە سىياسىي رەھبەرلەرنىڭ ئالدىنقى سەپتە تۇرغان فوتو – سۈرىتىگە ئورۇن بېرىلدى.

«نىھون كېئىزائى شىمبۇن»، «تىجى تسۇئۇشىنشا، ئوكىناۋا تايمز، نىككان سپورتس گېزىتلىرىنىڭ ئىنتېرنېت سەھىپىلىرىنىڭ باش بەتلىرىدە ئاياسوفيائى كەبىر جامىئى شەرىف خەۋەرلىرىگە ئورۇن بېرىلدى. بۇنىڭدىن باشقا دۆلەت ئىگىلىكىدىكى مېدىيا ئورگىنى – NHK، كيودو خەۋەر ئاگېنتلىقى، نىپپون خەۋەرلەر تورى، توكيو ئاڭلىتىش سىستېمىسى قاتارلىق قانال ۋە رادىيولارنىڭ تور بەتلىرىدىمۇ ئېچىلىشقا دائىر فوتو – سۈرەت ۋە كۆرۈنۈشلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

قاتار گېزىتلىرىنىڭ بۈگۈنكى سانلىرىمۇ ئاياسوفيائى كەبىر جامىئى شەرىفتە ئادا قىلىنغان تۇنجى جۈمە نامىزىغا تارىخىي كۈن، دەپ باھا بەردى.

«ئەششەرق» گېزىتى، ماۋزۇلىرىنىڭ بىرىنى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ «(ئاياسوفيائى كەبىر جامىئى شەرىف) پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ بىر مەدەنىيەت مىراسى سۈپىتىدە ھەرقايسى دىنلارنىڭ مەنسۇپلىرى كېلىپ كۆرەلەيدىغان بىر جاي» دېگەن سۆزلىرىگە ئاجراتتى.

«ئەررايە» گېزىتىمۇ بىرىنچى بېتىدە «ئاياسوفيا تارىخىي بىر جۈمە كۈنىدە ناماز ئۆتىگۈچىلەر بىلەن گۈللەندى» ماۋزۇلۇق خەۋەر ئېلان قىلدى. جۈمە خۇتبىسىدە سۆزلەنگەن سۆزلەرنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشقان گېزىت، «ئاياسوفيا گۇمبىزىنىڭ ئاستىدىن پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئادالەت، تىنچلىق ۋە مەرھەت چاقىرىقلىرى قىلىندى. ئالەمشۇمۇل قىممەتلەرنىڭ ۋە ئەخلاقىي پىرىنسىپلارنىڭ مۇھاپىزەت قىلىنىشىغا رىغبەتلەندۈرۈلدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.

«ۋەتەن» گېزىتىنىڭ بىرىنچى بېتىدە بولسا «ئەردوغان، ئاياسوفيادىكى تۇنجى جۈمە نامىزىدا قۇرئان تىلاۋەت قىلدى» دېگەن تېمىدا خەۋەر بەردى. جۈمە نامىزىغا 350 مىڭ ئادەمنىڭ ئىشتىراك قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن گېزىت، «قېرىنداش تۈرك خەلقىنىڭ ۋە ئىسلام ئۈممىتىنىڭ چېگرالارنى ھالقىغان بىر خىل شاتلىق تۇيغۇسىغا چۈمگەنلىكى»نى  قەيت قىلدى.

ئاياسوفيانىڭ جامە سۈپىتىدە قايتىدىن ئېچىلىشى قازاقىستان تاراتقۇلىرىدىمۇ كەڭ ئورۇن ئالدى.

قازاقىستاننىڭ يازما ۋە ئۈن – سىن مېدىيالىرىدا ئورۇن ئالغان خەۋەرلەردە، ئاياسوفيادا تۇنجى جۈمە نامىزىنىڭ ئادا قىلىنغانلىقى بايان قىلىنىپ، ئارىدىن 86 يىل ئۆتكەندىن كېيىن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، دىيانەت ئىشلىرى باشقارمىسى باشلىقى ئەلى ئەرباش ۋە ھۆكۈمەت ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە مىڭلارچە كىشىنىڭ ئاياسوفيادىكى تۇنجى جۈمە نامىزىغا ئىشتىراك قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

دۆلەتنىڭ تىراژى ئەڭ كۆپ گېزىتى بولغان «ئەگەمەن قازاقىستان» گېزىتى، خەۋەرنى «86 يىلدىن كېيىن ئاياسوفيادا تۇنجى جۈمە نامىزى» دېگەن تېما ئاستىدا ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى، قازاقىستان دۆلەت خەۋەر ئاگېنتلىقى  بولسا، ئاياسوفيانىڭ تارىخىغا كەڭ ئورۇن ئاجراتتى.

قازاقىستان تېلېۋىزىيە قاناللىرىنىڭ ئاياسوفياغا ئالاقىدار خەۋەرلىرىدە، ئەردوغاننىڭ «پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ بىر مەدەنىيەت مىراسى سۈپىتىدە ھەرقايسى دىنلارنىڭ مەنسۇپلىرى كېلىپ كۆرەلەيدىغان بىر جاي» دېگەن سۆزى ئالاھىدە تەكىتلەندى.

پاكىستاننىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى خەۋەر قاناللىرى بولسا، 86 يىلدىن كېيىن ئىبادەتكە ئېچىلغان ئاياسوفيادا ئادا قىلىنغان تۇنجى جۈمە نامىزىغا كەڭ ئورۇن ئاجراتتى.

پاكىستاننىڭ ئەڭ چوڭ قاناللىرىدىن گېئونيۇز، ئاري نيۇز، گ ن ن نيۇز، 24 نيۇز، سامائا ت.ۋ ۋە باشقا نۇرغۇن خەۋەر قاناللىرى ئاياسوفيادىكى جۈمە نامىزىنى نەق مەيداندىن ئۇلاپ تارقاتتى.

سامائا تېلېۋىزىيە قانىلى، دىيانەت ئىشلىرى باشلىقى ئەلى ئەرباشنىڭ خۇتبىسىنى بىۋاسىتە ھالدا ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلىپ كۆرۈرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر