خىتاي ئامېرىكانىڭ چېڭدۇدىكى كونسۇلخانىسىنى تاقىۋېتىشنى قارار قىلدى

خىتاي، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا چېڭدۇ شەھىرىدىكى ئامېرىكا كونسۇلخانىسىنى تاقىۋىتىش توغرىسىدا يوليورۇق چۈشۈردى.

1461140
خىتاي ئامېرىكانىڭ چېڭدۇدىكى كونسۇلخانىسىنى تاقىۋېتىشنى قارار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات بېرىپ، 22 – ئىيۇلدا ۋاشىنگتون دائىرىلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئامېرىكانىڭ خوستون شەھىرىدىكى كونسۇلخانىسىنى تاقىۋېتىش توغرىسىدىكى بۇيرۇقىدىن كېيىن، چېڭدۇدىكى ئامېرىكا كونسۇلخانىسىنىڭ ئىجازەتنامەسىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

مىنىستىرلىق مەزكۇر قارارغا «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ مەنتىقىسىز تاشلانغان قەدىمىگە قايتۇرۇلغان زۆرۈر ۋە يوللۇق جاۋاب» دەپ باھا بەردى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 22 – ئىيۇلدا تېكساس ئىشتاتىنىڭ خوستون شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ 72 سائەت ئىچىدە تاقىۋېتىلىشى توغرىسىدا يوليورۇق چۈشۈرگەن ۋە قارارنىڭ چىقىرىلىش سەۋەبىگە ئىزاھات بېرىپ، خىتاينىڭ بۇ يەردىكى كونسۇلخانىسىنىڭ «جاسۇسلۇق ۋە پىكىر مۈلۈكى ئوغرىلىقىنىڭ مەركىزى» گە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر