بوررېل لىۋىيە مەسىلىسىدە تۈركىيە بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىمىز

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە خەۋپسىزلىك سىياسەتلىرى ئالى ۋەكىلى جوسېپ بورېل، لىۋىيەدە ئۇرۇش توختىتىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش توغرىسىدا تۈركىيە بىلەن بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى.

1461283
بوررېل لىۋىيە مەسىلىسىدە تۈركىيە بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جوسېپ بورېل ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھىرلەپ، (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

تۈركىيە مۇزاكىرە قىلىنغان 13 – ئىيۇلدىكى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كېڭىشى يىغىنى ۋە شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى سوغۇقچىلىقلاردىن كېيىن چاۋۇشئوغلۇ بىلەن تېلېفونلاشقانلىقىنى بىلدۈرگەن بورېل، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «سۈركىلىشنىڭ پەسكۇيغا چۈشۈرۈلۈشى ۋە (ئالدىمىزدىكى ئايدا چاقىرىلىدىغان) غەيرىي رەسمىي كېڭەش يىغىنىدىن بۇرۇن ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈش توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلدۇق. بۇنىڭدىن باشقا (لىۋىيە تېمىلىق) بېرلىن مۇساپىسى (2020 – يىلى يانۋار) رامكىسى ئىچىدە لىۋىيەدە ئۇرۇش توختىتىش ئۈچۈن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش توغرىسىدا كېلىشتۇق» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر