ئامېرىكا ھۆكۈمىتى پورتلاندتىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى پورتلاندتىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە قارىتا، «قوبۇل قىلغۇسىز» دەپ بايانات ئېلان قىلدى.

1459488
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى پورتلاندتىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي باياناتچىسى كەيلېي ماكېنىي ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئورېگون ئىشتاتىنىڭ پورتلاند شەھىرىدە يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ۋەقەلىرى ئۈستىدە توختالدى.

كەيلېي ماكېنىي ئورىگون ئىشتاتىنىڭ باشلىقى كەيت بروۋېن ۋە پورتلاند شەھەر باشلىقى تېد ۋىللېرنىڭ دېموكراتچى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى ۋە «پورتلاندتىكى زوراۋانلىق، مالىمانچىلىق ۋە قالايمىقانچىلىقنى ھەرگىز قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ، ئەمما پىرېزىدېنت دونالد ترامپ قانۇن تەرتىپكە كاپالەتلىك قىلىشقا تىرىشىۋاتقان بىر پەيتتە، دېموكراتچىلار سىياسەتنى تىنچلىقتىنمۇ ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇشنى داۋاملاشتۇرىۋاتىدۇ» دەپ تەنقىد قىلدى.

كەيلېي ماكېنىي نيۇ-يورك ۋە چىكاگو قاتارلىق شەھەرلەردە يېقىنقى مەزگىللەردە زوراۋانلىقنىڭ كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئاشقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ يەردىكى ئىشتاتلىق ۋە شەھەرلىك ھۆكۈمەتنى فېدېراتىپ ھۆكۈمەت بىلەن ھەمكارلىشىشقا چاقىردى.

پورتلاندتا ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقىغا قارشى ئۆتكۈزۈلگەن ھەپتە ئاخىرىدىكى نامايىشلار زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە ئايلىنىپ قالغان ۋە نامايىشچىلار فېدېراتسىيە سوت مەھكىمىسىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا ئوت قويۇپ بەرگەن ئىدى.

سوت مەھكىمىسى ئىچىدىكى فېدېراتىپ بىخەتەرلىك قىسىملىرى بولسا، نامايىشچىلارغا ياش ئاققۇزۇش بومبىسى بىلەن مۇداخىلە قىلغان ئىدى.

مىننېسوتا ئىشتاتىدا، ماي ئېيىدا ساقچىنىڭ زوراۋانلىقى تۈپەيلى قازا قىلغان ئەسلى ئافرىقىلىق ئامېرىكا پۇقراسى جورج فلويىد ئۈچۈن بىر قانچە شەھەردە نامايىش باشلانغان بولۇپ، نامايىشلار ئورېگون ئىشتاتىنىڭ پورتلاند شەھىرىدە ھازىرمۇ داۋاملاشماقتا.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر