لاۋورۋ ئىرانغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈلۈشىگە قارشى ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ ئىرانغا قارىتىلغان قورال – ياراغ ئېمبارگوسىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىشقا مۇناسىۋەتلىك تەشەببۇسلارغا قارشى ئىكەنلىكلىرىنى ئېيتتى.

1459889
لاۋورۋ ئىرانغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈلۈشىگە قارشى ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇ، رۇسىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىف بىلەن پايتەخت موسكۋادىكى ئۇچرىشىشلىرىدىن كېيىن ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئىرانغا يۈرگۈزۈۋاتقان قورال – ياراغ ئېمبارگوسىنىڭ مۇددىتىنىڭ ئۆكتەبىر ئېيىدا توشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «ئېمبارگونىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىش، ھەتتا داۋاملىق ئېمبارگو يۈرگۈزۈش تەشەببۇسلىرىنىڭ نە قانۇنىي، نە سىياسىي، نە ئەخلاقي ئاساسى يوقتۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر