لىۋىيە پارلامېنتى مىسىرنى ئەيىبلىدى

لىۋىيە پارلامېنتى مىسىر پارلامېنتىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، مىسىر پىرېزىدېنتى ئابدۇلفەتتاھ سىسىغا «لىۋىيەگە ھەربىي جەھەتتىن ئارىلىشىش» ھوقۇقى بېرىشنى مەزمۇن قىلغان قانۇن لايىھەسىنى تەستىقلىغانلىقىنى ئەيىبلىدى.

1459514
لىۋىيە پارلامېنتى مىسىرنى ئەيىبلىدى
Libya.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت تىرىپولىدىكى لىۋىيە پارلامېتىنىڭ يازما باياناتىدا، «بىز پارلامېنت (توبرۇكتىكى ئاۋام پالاتاسى) قىياپىتىگە كىرىۋالغان ۋە لىۋىيە قەبىلىلىرىگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى دەۋا قىلغانلارنىڭ قانۇنسىز تەكلىپنامىسنى ئۆزىگە ئاساس قىلغان مىسىر پارلامېنتىنىڭ ئاتالمىش قارارىنى پۈتۈنلەي رەت قىلىمىز» دېيىلدى.

مىسىر پارلامېنتىنىڭ قارارىنى قاتتىق ئەيىبلەش تەلەپ قىلىنغان باياناتتا، لىۋىيە ھۆكۈمىتىدىنمۇ «بۇ تەھدىتكە سىياسىي ۋە ئەمەلىي جاۋاب قايتۇرۇشقا تەييارلىق قىلىشى ھەمدە لايىقىدا جاۋاب قايتۇرۇشى ئۈچۈن ھەر قانداق تاللاشقا بولىدىغان جاۋابنى ئويلىشىش كېرەكلىكى» تەلەپ قىلىندى.

باياناتتا، «لىۋىيە مىسىرنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت شەكىللەندۈرگىنى يوق، ئۇنداقتا مىسىر پارلامېنتى ھەربىي ئارىلىشىش تەھدىتىنى قانداقلارچە قوللىسۇن؟» دېگەن ئىپادىلەرگىمۇ ئورۇن بېرىلدى.

لىۋىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى فەتھى باشئاغامۇ مىسىر پارلامېنتىنىڭ سىسىغا «لىۋىيەگە ھەربىي جەھەتتىن ئارىلىشىش» ھوقۇقى بەرگەنلىكىگە قارىتا «لىۋىيەگە ئۇرۇش ئېلان قىلغانلىقتۇر» دەپ باھا بەردى.

فەتھى باشئاغا تىۋىتتېردا ئېلان قىلغان باياناتىدا: «مىسىر پارلامېنتىنىڭ قوراللىق قىسىملىرىنى غەرب چېگراسىنىڭ سىرتىغا (يەنى لىۋىيەگە) ئەۋەتىشنى تەستىقلىشى لىۋىيەگە قارشى ئۇرۇش ئېلان قىلغانلىقتۇر. ئەرەب ئىتتىپاقى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ شەرتنامىلىرىگە خىلاپلىق قىلىش ھېسابلىنىدۇ. بىز چېگرامىز ئىچىگە كىرگەن چەت ئەل كۈچلىرىنى <دۈشمەن كۈچ> دەپ قارايمىز. خەلقىمىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى ۋە ئەركىنلىكىنى قوغداشتىن قىلچە ئىككىلەنمەيدىغانلىقىمىزنى جاكارلىماقچىمىز» دېدى.

مىسىر پارلامېنتى ئالدىنقى كۈنى، پىرېزىدېنت سىسىنىڭ «دۆلەت بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن بارلىق زۆرۈر بولغان تەدبىرلەرنى ئىشلىتىش ھوقۇقى» بېرىلىشىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇن لايىھەسىنى تەستىقلىغان ئىدى.


خەتكۈچ: #مىسىر , #لىۋىيە

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر