ئىراقتا گېرمانىيەلىك پائالىيەتچى نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلدى

ئىراقنىڭ پايتەختى باغداتقا جايلاشقان گويتې ئىنستىتۇتى مەدەنىيەت بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ھېلا مېۋىس تۈنۈگۈن كەچتە نامەلۇم قوراللىق ئۇنسۇرلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلدى.

1458903
ئىراقتا گېرمانىيەلىك پائالىيەتچى نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلدى

ئىراق ساقچىلىرىنىڭ كاپىتانى ئەھمەد ھالەف قوراللىق كىشىلەرنىڭ ھېلا مېۋىسنى پايتەختنىڭ مەركىزىدىكى ئەبۇ نوۋاس كوچىسىدا ئىشخانىسىغا يېقىن جايدىن تۇتۇپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئەھمەد ھالەف دۆلەت مۇداپىئە ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى شۇنداقلا قانۇن ئىجرا قىلىش ئورگارلىرىنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەن رايوندا تەكشۈرۈش خىزمەتلىرىنى باشلىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

تېخىچە ۋەقەنىڭ جاۋابكارلىقىنى ھېچكىشى ئۆز ئۈستىگە ئالمىدى.


خەتكۈچ: #باغدات , #ئىراق

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر