ئافغانىستاندا ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى
ئافغانىستان ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ 8 ئەسكەر جېنىدىن ئايرىلدى.
1458605
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، مەيدان ۋارداك ۋىلايىتىدە بىر ئادەم بومبا ھۇجۇمچىسىنىڭ ئاپتوموبىل بومبا بىلەن سايداباد ناھىيەسىنىڭ چاغاتۇ دوقمۇشىدا ھەربىي ئاپتوموبىللارغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
باياناتتا، ھۇجۇمدا 8 ئەسكەرنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى، 9 ئەسكەرنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ھازىرغىچە ھېچقانداق تەرەپ ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمىدى.